چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش موزامبىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ پورتى. بۇ شەھەر 1976-يىلىدىن ئىلگىرى لۇرېنسو ماركىش دەپ ئاتالغان. 1884-، 1885-يىللىرى ماپۇتو شەھىرىنى جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول قۇرۇلغاندىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلشىقا باشلىغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :ماپۇتو

خەنزۇچە نامى :马普托

مەمۇرىي رايون شەكلى :پايتەخىت

تەۋە رايون :موزامبىك

يەر مەيدانى :53.7 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :تەخمىنەن بىر مىليون

جۇغراپىيىلىك رايون :ئافرىقىنىڭ جەنۇبى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

4پارچەماپۇتوموزامبىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ پورتى. بۇ شەھەر 1976-يىلىدىن ئىلگىرى لۇرېنسو ماركىش دەپ ئاتالغان. 1884-، 1885-يىللىرى ماپۇتو شەھىرىنى جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول قۇرۇلغاندىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلشىقا باشلىغان. ھازىر ئۇ شەرقىي ئافرىغا بويىچە مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 785 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981) . ماپۇتو موزامبىكنىڭ مۇھىم سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەم قاتناش مەركىزى. شەھەردە چوڭ تىپتىكى نېفىت ئايرىش، ئۇن، توقۇمىچىلىق، شېكەر، سېمونت، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ماپۇتو پورتى ئارقىلىق يالغۇز موزامبىكنىڭ ماللىرى ئېكسپورت قىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى جەنۇبىي ئافرىقا ھەم سىۋىزالىندلارنىڭ بىر قىسىم ماللىرىمۇ ئېكسپورت قىلىنىدۇ. ئىمپورت قىلىنغان ماللارمۇ شۇ پورت ئارقىلىق جەنۇبىي ئافرىقا ھەم سىۋىزالىندلارغا يۆتكىلىدۇ. ماپۇتو پورتىغا بىرلا ۋاقىتتا 20 دىن ئارتۇق ئوكيان پاراخوتلىرى كېلىپ توختىيالايدۇ. شەھەردە خەلقئارا ئايرودرومى، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى، مەنزىرىلىك ساياھەت ئورۇنلىرى، ئاتاقلىق تارىخىي ئورۇنلار بار. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏