چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سومالى دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىنىي مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. سومالى بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :موگادىشو

خەنزۇچە نامى :摩加迪沙

مەمۇرىي رايون شەكلى :پايتەخىت

تەۋە رايون :سومالى

يەر مەيدانى :20 نەچچە كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :1 مىليون 500 مىڭ

چەتئەلچە نامى :Mogadishu، Muqdisho

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

4پارچەموگادىشوسومالى دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىنىي مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. شەھەر ئاھالىسى 800 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984) ، سومالى        بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ. موگادىشو سومالىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى. بۇ جايغا توپلانغان سانائەت ئورۇنلىرى پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەتنىڭ 4/3 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەڭ ئاساسىي سانائەت تارمىقى گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىدىن ئىبارەت. بۇ خىل سانائەتنىڭ كۆلىمى چوڭ بولۇپ، سومالى سانائەت تارماقلىرى ئىچىدە ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تاماكا، سەرەڭگە، سۈت پاراشوكى زاۋۇتى، رەخت توقۇش، كۆن-خۇرۇم، ماشىنا رېمونت قىلىش، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، سېمونت، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. موگادىشو شەھىرىدە يەنە خەلقئارا ئايرودرومى، كونا تارىخىي ئورۇنلار، 150 تىن ئوشۇق مەسچىت، قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارىسى قاتارلىق تارىخىي ئورۇنلار بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏