چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ياۋروپا قىسمىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆل. بۇرۇن «نىۋا كۆلى» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ كۆل دېڭىز يۈزىدىن بەش مېتىر ئېگىز كېلىدۇ .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :لادوگا كۆلى

خەنزۇچە نامى :拉多加湖

يەر مەيدانى :18 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر

چەتئەلچە نامى :Ladozhskoye Lake

ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى :51 مېتىر

ئەڭ چوڭقۇر جايى :230 مېتىر

ئوتتۇرىچە كەڭلىكى :83 كىلومېتىر

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش 

12پارچەلادوگا كۆلى ياۋروپا قىسمىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆل. بۇرۇن «نىۋا كۆلى» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ كۆل دېڭىز يۈزىدىن بەش مېتىر ئېگىز كېلىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 219 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 83 كىلومېتىر. مەيدانى(كۆلدىكى تەخمىنەن 660 قا يېقىن ئۇششاق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 18 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 51 مېتىر كېلىدۇ، شىمالىي قىسمىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايى 230 مېتىرغا يېتىدۇ، 908 كۇب كىلومېتىر سۇ سىغىدۇ. كۆلنىڭ غەربىي شىمال قىرغاقلىرى ئەگرى-بۈگرى كېلىدۇ، جەنۇبىي قىرغاقلىرىدا تاشلىق تۇمشۇقلار كۆپ، مۇز توڭلاش مەزگىلى 3-4 ئايغا يېتىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏