چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش روسىيە فىدراتسىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ پولات-تۆمۈر سانائەت مەركىزى، جەنۇبىي ئورال تاغلىرىنىڭ شەرقىي باغرى بىلەن ئورال دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان. ئەتراپىدا ئورال رايونى بويىچە ئەڭ چوڭ ماگنىتلىق تۆمۈر كان جايلاشقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :ماگنىتوگورسكى

خەنزۇچە نامى :马格尼托哥尔斯克

دۆلىتى :رۇسىيە

مەمۇرىي رايون شەكلى :شەھەر

يەر مەيدانى :37585 كۇۋادرات كېلومېتىر

نوپۇسى :410 مىڭ

چەتئەلچە نامى :Magnitogorsk

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

4پارچەماگنىتوگورسكىروسىيە فىدراتسىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ پولات-تۆمۈر سانائەت مەركىزى، جەنۇبىي ئورال تاغلىرىنىڭ شەرقىي باغرى بىلەن ئورال دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان. ئەتراپىدا ئورال رايونى بويىچە ئەڭ چوڭ ماگنىتلىق تۆمۈر كان جايلاشقان. شۇڭا شەھەرگىمۇ «ماگىنتوگورسكى—ماگنىتلىق شەھەر» دەپ نام قويغان. شەھەر ئاھالىسى 410 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلاپ بۇ جايدىكى مول تۆمۈر كانلىرىنىڭ ئېچىشىغا ئەگىلىشىپ، بۇ شەھەر روسىيە فىدراتسىيەسى بويىچە چوڭ تىپتىكى پولات سانائەت بىرلەشمە كارخانىسى بولۇپ شەكىللەنگەن. پولات سانائىتىدىن باشقا ماشىنىسازلىق سانائىتى، كوكس كۆيدۈرۈش سانائىتى، مېتالچىلىق سانائىتى تەرەققىي قىلغان. شەھەرنىڭ تۆمۈر يول، تاشيول، تۇرۇبا ترانسىپورتى تەرەققىي قىلغان. شەھەردە كان سانائەت ئىنىستىتوتى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏