چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئافرىقىدىكى زەمبېزى دەرياسىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان چوڭ شارقىراتما بولۇپ، بۇرۇن «ۋىكتورىيە شارقىراتمىسى» دەپ ئاتالغان. بۇ شرقىراتما زەمبىيىنىڭ مارامبا شەھىرىنىڭ غەربىگە، زەمبىيە بىلەن زىمبابۋىنىڭ چېگرىلانغان يېرىگە جايلاشقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :موسى ئاۋتونىيە شارقىراتمىسى

باشقا نامى :ۋىكتورىيە شارقىراتمىسى

چەتئەلچە نامى :Victoria Falls

كىلىماتى :تروپىك بەلباغ يايلاق كىلىماتى

ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ يەر ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ :23 كۋادرات كىلومېتىر

داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى :ئالۋاستى كۆلچىكى قايناملىق كۆل ئالۋاستى شارقىراتما

قاراشلىق دۆلەت :ئافرىقا

قاراشلىق شەھەر :زامبىيە بىلەن زىمبابۋې

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

8پارچەموسى ئاۋتونىيە شارقىراتمىسىئافرىقىدىكى زەمبېزى دەرياسىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان چوڭ شارقىراتما بولۇپ، بۇرۇن «ۋىكتورىيە شارقىراتمىسى» دەپ ئاتالغان. بۇ شرقىراتما زەمبىيىنىڭ مارامبا شەھىرىنىڭ غەربىگە، زەمبىيە بىلەن زىمبابۋىنىڭ چېگرىلانغان يېرىگە جايلاشقان. شارقىراتما بەلبلاغ رايونىنىڭ شەكلى شەكلىدە بولۇپ، 97 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلغان. ئاساسىي شارقىراتمىنىڭ ئېگىزلىكى 122 مېتىر، كەڭلىكى 1800 مېتىر كېلىدۇ. شارقىراتما تاشلىق ئاراللار ئارقىلىق بەش تارماققا بۆلۈۋېتىلگەن. شارقىراتما رايونىدا كۆتۈرۈلگەن تۇمان 15 كىلومېتىر ئارىلىقتا كۆرۈنىدۇ. شارقىراتما ئاۋازى 15 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئاڭلىنىدۇ. شارقىراتمىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 1400 كۇب مېتىر سېكۇنت، يامغۇر پەسلىدە 5000 كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ. سۇ ئېنېرگىيە زاپىسى ناھايىتى مول. شارقىراتمىنىڭ زەمبىيە تەرىپىگە چوڭ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى سېلىنغان. بۇ جاي ھازىر مۇھىم ساياھەت رايونىغا ئايلاندى. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏