چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش لېيپزىگ گېرمانىيىنىڭ داڭلىق شەھىرى، شىمالدا بېرلىن بىلەن بولغان ئارىلىقى 165 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :لېيپزىگ

خەنزۇچە نامى :莱比锡

دۆلىتى :گىرمانىيە

يەر مەيدانى :141 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :600 مىڭ

مەمۇرىي رايون تۈرى :شەھەر

چەتئەلچە نامى :Leipzig

لېيپزىگ شەھىرى ھەققىدە 

6پارچەلېيپزىگلېيپزىگ گېرمانىيىنىڭ داڭلىق شەھىرى، شىمالدا بېرلىن بىلەن بولغان ئارىلىقى 165 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى 141 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى تەخمىنەن 600 مىڭ.لېيپزىگ ئوتتۇرا ياۋروپانىڭ قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان، ئوتتۇرا ئەسىردىلا شەرق ۋە غەربنىڭ سودا مەركىزى ئىدى. 1170-يىلىدىن باشلاپ سودا خاراكتېرلىك قەرەللىك بازار پەيدا بولغان، مانا بۇ لېيپزىگ يەرمەنكىسىنىڭ دەسلەپ باشلىنىشىدۇر. 15-ئەسىرگە كەلگەندە لېيپزىگ يەرمەنكىسى ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر مەھسۇلاتلىرىنى ئالماشتۇرىدىغان مەركەزگە ئايلانغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇ يەرنىڭ يەرمەنكە ئەسلىھەلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ۋەيران بولۇپ، تاۋار ئالماشتۇرۇش بىر مەھەل توختاپ قالغان. ئۇرۇشتىن كېيىن1946-يىلىغا كەلگەندە يەرمەنكە ئۆتكۈزۈش يەنە ئەسلىگە كەلگەن. لېيپزىگ يەرمەنكە ئورنىنىڭ كۆلىمى350 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ، يىلىغا ئىككى قېتىم يەرمەنكە ئۆتكۈزۈلىدۇ: 3-ئايدا ئەتىيازلىق يەرمەنكە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ چاغدا ئاساسلىقى سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۇنىۋېرسال بۇيۇملار يەرمەنكىگە سېلىنىدۇ؛ 9-ئايدا كۈزلۈك يەرمەنكە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ چاغدا يەرمەنكىگە نۇقتىلىق ھالدا يېنىك سانائەت بۇيۇملىرى بىلەن خىلمۇخىل ئىستېمال بۇيۇملىرى سېلىنىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏