چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش لبېرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، قاتناش مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. بۇ شەھەر سان پاۋلو دەريا ئاغزىدىكى مېسورا تۇمشۇقى بىلەن بوشورود ئارىلىغا جايلاشقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :مونروۋىيە

خەنزۇچە نامى :蒙罗维亚

دۆلىتى :لبېرىيە

مەمۇرىي رايون شەكلى :پايتەخىت

تەۋە رايون :لبېرىيە جۇمھۇرىيىتى

نوپۇسى :بىر مىليون 300 مىڭ

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

4پارچەمونروۋىيەلبېرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، قاتناش مەكرىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. بۇ شەھەر سان پاۋلو دەريا ئاغزىدىكى مېسورا تۇمشۇقى بىلەن بوشورود ئارىلىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 362 مىڭدىن ئاشىدۇ(1981) ، مونروۋىيە لبېرىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، بۇ جفيدىكى سانائەت ئورۇنلىرى پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ %70نى ئىگىلەيدۇ. ئاساسىي سانائەتلىرىدىن نېفىت ئايرىش، كاۋچۇك، سېمونت، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. مونروۋىيە غەربىي ئافرىقىدىكى ئەركىن پورت، ئۇنىڭ پورت مەيدانى 300 گېكتار كېلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا 90 مىڭ توننىلىق ئوكيان پاراخوتلىرىدىن توققۇزى توختىيالايدۇ. بۇ پورت ئارقىلىق لبېرىيىنىڭ تۆمۈر رۇدىسى، كاۋچۇك قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. شەھەردە خەلقئارا ئايرودرومى، لبېرىيە داشۆسى، دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، مۇزېيلار بار. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏