چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش نيۇيورك شەھىرى ئامېرىكا قوشما شتاتىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، كاپىتالىزم دۇنياسى بويىچە ئەڭ چوڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى. 159 دۆلەت ئەزا بولغان (1984-يىل 12-ئاي) ب د ت نىڭ باش ئىش باشقۇرۇش ئورنى جايلاشقان شەھەر، ئا ق ش نىڭ ئەڭ چوڭ پورتى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۆت پورتنىڭ بىرى. نيو-يورك شەھىرى ئا ق ش نىڭ شەرقىي دېڭىز ياقىسىدىكى گوتزۇن دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىغا جايلاشقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :نيۇيورك

خەنزۇچە نامى :纽约

مەمۇرىي رايون شەكلى :شەھەر

تەۋە رايون :ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى

يەر مەيدانى :830 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ

نوپۇسى :8 مىليون 491 مىڭدىن ئاشىدۇ(2014)

چەتئەلچە نامى :New York

باشقا نامى :大苹果、不夜城、高谭市、世界之都

قارمىقىدىكى رايونلار :مانخاتتان رايونى، بروكلىن رايونى، بوركىس رايونى، كونىس رايونى، رىنموند رايونى

دىيالېكتى :ئىنگلىز تىلى

ئىقلىمى :مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

نيويورك  نيۇيورك شەھىرى ئامېرىكا قوشما شتاتىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، كاپىتالىزم دۇنياسى بويىچە ئەڭ چوڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى. 159 دۆلەت ئەزا بولغان (1984-يىل 12-ئاي) ب د ت نىڭ باش ئىش باشقۇرۇش ئورنى جايلاشقان شەھەر، ئا ق ش نىڭ ئەڭ چوڭ پورتى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۆت پورتنىڭ بىرى. ئاھالىسى 8 مىليون 491 مىڭدىن ئاشىدۇ(2014). يەر مەيدانى 830 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.

نيۇيورك ئا ق ش نىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ۋە پورتى. ئۇ مانخاتتان، برونكس، برۇكلىن، كۋېنس ۋە رىچموند قاتارلىق بەش نىسپىي مۇستەقىل رايوندىن تەركىب تاپقان. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرى، داڭلىق جۇڭگولۇقلار كوچىسىدا150 مىڭ جۇڭگولۇق بار؛ بۇ يەردىكى ئىتالىيىلىكلەر ۋېنىتسىيىلىكلەردىنمۇ كۆپ. كىشىلەرنىڭ تېرىسىنىڭ رەڭگى خىلمۇخىل بولۇپ، ھەر خىل ئىرقتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بار.

نيۇيورك ئا ق ش نىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدىكى خۇدسون دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاتلانتىك ئوكيانغا تۇتىشىپ تۇرىدۇ. 1609-يىلى گوللاندىيىگە قاراشلىق غەربىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ ۋەكىلى ئامېرىكىلىق خېنرى. خۇدسون ئەڭ بۇرۇن بۇ يەرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان. 1626-يىلى گوللاندىيىلىكلەر شۇ يەرلىك ئىندىئانلارنىڭ قولىدىن مانخاتتان ئارىلىنى ئەرزان باھادا سېتىۋالغان. 1664-يىلى ئەنگلىيىلىكلەر مانخاتتان ئارىلىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ نامىنى «نيۇيورك» قا ئۆزگەرتكەن، ئۇ ئىنگلىز تىلىدا «يېڭى يورك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ئەنگلىيىدە ئەسلىدە «يوركشىر» دېگەن يەر بار ئىدى.

چوڭ نيۇ-يورك شەھىرى

چوڭ نيۇيورك شەھىرى نيۇيورك شەھىرى ئەتراپىدىكى 60 دىن ئوشۇق كىچىك شەھەرچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ نيۇ-يورك شەھىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. چونيۇ-يورك شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 11 مىليون 570 مىڭدىن ئوشۇق(1981) بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نىگېرلار بىر مىليون 600 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئۇ دۇنيا بويىچە نىگېرلار كۆپ مەركەزلەشكەن شەھەرلەرنىڭ بىرى.




يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏