چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، ئەڭ چوڭ شەھىرى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :نايروبى

خەنزۇچە نامى :内罗毕

دۆلىتى :كېنىيە

مەمۇرىي رايون شەكلى :پايتەخىت

تەۋە رايون :كېنىيە

يەر مەيدانى :684 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :ئىككى مىليون 940 مىڭ (2009)

كىلىماتى :تروپىك بەلباغ يايلاق كىلىماتى

جۇغراپىيىلىك ئورنى :ئافرىقىنىڭ شەرقى قىسمى

چەتئەلچە نامى :Nairobi

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

4پارچەنايروبى شەھىرىكېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، ئەڭ چوڭ شەھىرى. بۇ شەھەر دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 1676 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئورۇنغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ(1983) ، نايروبى كېنىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، ئۇ جايدا توقۇمىچىلىق، سېمونت، تېرە-خۇرۇم، يېمەك-ئىچمەك، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تەييارلاش، قەغەز ئىشلەش، ئافرىقا بويىچە ئاتاقلىق پاراۋۇز ئىشلەش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. نايروبى شەرقىي ئافرىقا بويىچە خېلى زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ بىرى. شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشى خېلى كۆركەم، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، «كىچىك لوندون» دەپ ئاتىلىدۇ. شەھەردە يەنە ئافرىقا بويىچە خېلى زامانىۋى خەلقئارا ئايرودروم، بىرنەچچە ئالىي مەكتەپلەر، مۇزېيلار، ئاتاقلىق باغچىلار، مېھمانخانىلار، ساياھەت ۋە دەم ئېلىش ئورۇنلىرى بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏