چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى لۇئارا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان شەھەر. شۇنداقلا فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم سانائەت مەركىزى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :نانت

خەنزۇچە نامى :南特

دۆلىتى :فرانسىيە

ئۆلكىسى :لوير ئۆلكىسى

مەمۇرىي رايون شەكلى :چوڭ مەركىزى شەھەر، ئۆلكە مەركىزى

تەۋە رايون :ئاتلانتىك ئوكيان لوير ئۆلكىسى

يەر مەيدانى :65.19 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :296 مىڭ 604 (2012)

كىلىماتى :مۆتىدىل بەلۋاغ دېڭىز - ئوكيان ئىقلىمى

چەتئەلچە نامى :Nantes、Naoned

باشقا نامى :ياۋروپادىكى يېشىل شەھەر

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

7پارچەنانت شەھىرىفرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى لۇئارا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان شەھەر، دەريا ئاغزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 54 كىلومېتىر بولسىمۇ، ئوكيان پاراخوتلىرى بىۋاسىتە شەھەر رايونىغا كىرەلەيدۇ، شەھەر ئاھالىسى 260 مىڭدىن ئاشىدۇ. نانت فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم سانائەت مەركىزى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. شەھەرنىڭ مېتاللۇرگىيە، نېفىت-خىمىيە، كېمىسازلىق، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. شەھەرنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئايرودرومى بار. تاشقى سودىسىدا نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق خام ئەشيالارنى ئىمپورت قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. شەھەردە يەنە خان سارايلىرى، چېركاۋلار، مەشھۇر قەدىمىي قۇرۇلۇشلار بار. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏