چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سالا مىللىتى ئۆزىنى «سالار» دەپ ئاتايدۇ. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە، شىنجاڭ ئارقىلىق شۈنخۇا ئەتراپلىرىغا كۆچكەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سەمەرقەندلىكلەر ئەتراپتىكى زاڭزۇ، خۇيزۇ، خەنزۇ ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن ئۇزاق مەزگىل بىللە ياشاش داۋامىدا ئۆزئارا قوشۇلۇپ سالا مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :سالا مىللىتى

خەنزۇچە نامى :撒拉族

نوپۇسى :9.68 تۈمەن

دىنى :ئىسلام دىنى

تىلى :سالا تىلى

سالا مىللىتىنىڭ توي مۇراسىمى

سالا مىللىتىسالا مىللىتىنىڭ توي مۇراسىمى تولىمۇ ئۆزگىچە، كېلىنچەك دەرۋازا ئالدىغا كەلگەندە، يىگىتلەر دەرھال ئولىشىپ كېلىپ دەرۋازىنى توسۇۋېلىپ كېلىنچەكنى كىرگىلى قويمايدۇ، كېلىننى قارشى ئالغۇچىلار كېلىنچەكنى ئۆيگە پۇتىنى يەرگە تەگكۈزمەي ئېلىپ كىرىش كېرەك دەپ قاراپ، چوڭلار كېلىننى كۆتۈرۈپ قىز-يىگىتنىڭ يېڭى جابدۇلغان ئۆيىگە ئېلىپ كىرىدۇ، كېلىننى قارشى ئالغۇچىلار كېلىننى باشقىلار كۆتۈرۈپ كىرسە يىگىتنىڭ يۈزىگە سەت بولىدۇ دەپ قاراپ، كېلىننى ئۆزى مېڭىپ كىرسۇن دەپ تۇرۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ بىرى كىرمەكچى بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپ يولىنى توسۇۋالىدۇ، توي ئىنتايىن قىزىپ كېتىدۇ، ھېچقايسى تەرەپ يول قويۇشمايدۇ، توي زىياپىتىدە، تۆت ياش ئەنئەنىۋى «تۆگە ئويۇنى» نى ئوينايدۇ. يەنى، ئىككى كىشى قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن جۇۋىنى ئۆرۈپ كىيىپ تۆگىنى دورايدۇ، بىر كىشى يەرلىك كىشى رولىنى ئالىدۇ، يەنە بىر كىشى سالا مىللىتى ئاخۇنۇمى(ئىسلام دىنى ئاخۇنۇمى) نىڭ رولىنى ئالىدۇ. مېھمان بىلەن ساھىبخان دىئالوگ قىلىدۇ. كۆپچىلىك ماسلىشىدۇ، بۇ ئويۇن ئىنتايىن قىزىقارلىق بولىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏