چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش غەربىي ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ دەريا بولۇپ، گۋېنىيە قولتۇقىنىڭ شىمالىدىكى فوتاجالون ئېگىزلىكىدىن باشلىنىپ، شەرقىي شىمالغا قاراپ ئەگرى-بۈگرى ئېقىپ مالىنىڭ شەرقىدىن شەرقىي جەنۇبىغا بۇرۇلۇپ، نىگېر، بىنېن، نىگېرىيە دۆلەتلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ گۋېنىيە قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :نىگېر دەرياسى

خەنزۇچە نامى :尼日尔河

چەتئەلچە نامى :Niger River

ئۇمۇمىي ئۇزۇنلىقى :4200 كىلومېتىر

دەريا ۋادىلىرى كۆلىمى :بىر مىليون 500 مىڭ

باش مەنبەسى :گىۋىنېئا

مەنسىپى :ئافرىقىدىكى ئۈچىنچى ئۇزۇن دەريا

دەريا ھەققىدە 

6پارچەنىگېر دەرياسىغەربىي ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ دەريا بولۇپ، گۋېنىيە قولتۇقىنىڭ شىمالىدىكى فوتاجالون ئېگىزلىكىدىن باشلىنىپ، شەرقىي شىمالغا قاراپ ئەگرى-بۈگرى ئېقىپ مالىنىڭ شەرقىدىن شەرقىي جەنۇبىغا بۇرۇلۇپ، نىگېر، بىنېن، نىگېرىيە دۆلەتلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ گۋېنىيە قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 4160 كىلومېتىر، كۆلىمى 2 مىليون 100 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاساسىي تارماقلىرىدىن بېنوئەي، باني قاتارلىق دەريالار بار. دەريا سۈيىنىڭ پەسىللىك ئۆزگىرىشى چوڭ، دەريا ئاغزىدىكى ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 6100 كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ. ئەڭ كۆپ ھەم ئەڭ ئاز ئېقىن مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 30 مىڭ ھەم 1200 كۇب مېتىر سېكۇنت بولىدۇ. دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا تېز ئېقىنلىق ئورۇنلار، تېيىز دەريا ۋادىلىرى ناھايىتى كۆپ. سۇ كۈچى بايلىقى مول، ئوتتۇرا ئېقىندا تونبوتودىن يۇقىرى قىسمنىڭ سۈيى مول، سازلىقلار بىلەن تارماقلىرى كۆپ. ياز، كۈز پەسىللىرىدىكى يامغۇر پەسلىدە چوڭ كۆلگە ئايلىنىدۇ. تۆۋەن ئېقىنى كەڭ، سۈيىنىڭ ئېقىشى تەكشى. بۇ رايوندا بېنوئەي دەرياسى كېلىپ قوشۇلغانلىقتىن سۈيى كۆپىيىدۇ. دەريانىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئاغزىدا 36 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دېلتا تۈزلەڭلىك شەكىللەنگەن. بۇ رايوندا دەريا تورلىرى زىچ بولۇپ، كەڭ دائىرىلىك سازلىقلار جايلاشقان. مالى دائىرىسىدىكى سىگو ئەتراپىدا سان ساندىن توسمىسى ۋە باشقا سۇغىرىش قاناللىرى بار. نىگېرىيە دائىرىسىدە كائىنجى سۇ ئامبىرى بار. بۇ سۇ ئامبىرى 1968-يىلى قۇرۇلغان، ئۇزۇنلۇقى 136 كىلومېتىر، كەڭلىكى 24 كىلومېتىر، سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 60 مېتىر، مەيدانى 1270 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆل توسمىسىنىڭ ئېگىزلىكى 70 مېتىر كېلىدۇ، سۇ ئامبىرىغا بىر مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىر سۇ قاچىلىنىدۇ. سۇ ئامبىرىنىڭ يېنىغا 980 مىڭ كىلوۋات سائەت توك بېرىدىغان چوڭ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى سېلىنغان. تۆۋەن ئېقىندا دەريا ئاغزىدىن تارتىپ 880 كىلومېتىر كېلىدىغان ئارىلىقتا ماتورلۇق قېيىقلار قاتنىيالايدۇ، ئوتتۇرا ئېقىنىدا مالىنىڭ ئانسونگو رايوندىن يۇقىرى ئېقىنىغا قاراپ كىچىك قېيىقلار قاتنىيالايدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏