چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش پاكىستاننىڭ غەربىي شىامل چېگرىسىغا جايلاشقان قەدىمىي شەھەر، غەربىي شىمال ئۆلكىسى بىلەن پېشاۋار ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى، پېشاۋار پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى مۇھىم سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :پېشاۋارا شەھىرى

خەنزۇچە نامى :白沙瓦

دۆلىتى :پاكىستان

ئۆلكىسى :پېشاۋار ۋىلايىتى

مەمۇرىي رايون شەكلى :شەھەر

يەر مەيدانى :1257 كىۋادىرات كىلومېتىر

نوپۇسى :560 مىڭ(1861)

كىلىماتى :يېرىم قۇرغاق كىلىمات

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

پېشاۋاراپاكىستاننىڭ غەربىي شىامل چېگرىسىغا جايلاشقان قەدىمىي شەھەر، غەربىي شىمال ئۆلكىسى بىلەن پېشاۋار ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى، پېشاۋار پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى مۇھىم سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، بۇ شەھەر غەربتىن ئېقىپ كېلىدىغان قابول دەرياسىنىڭ بارا تارمىقىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا، پاكىستان بىلەن ئافغانىستان چېگرىسىغا جايلاشقان مۇھىم كېبر تاغ ئاغزىنىڭ 16 كىلومېتر شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان.  پېشاۋار قەدىمدىن تارتىپ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغان. دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمىي ساياھەتچىلىرىدىن فاشەن بىلەن شۈەن زاڭلار شۇ جايغا بارغان. ھازىر پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئارىلىقىدىكى تاشيول قاتنىشى ئاساسەن پېشاۋار—كېبر تاغ ئاغزى ئارقىلىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. تاشيول، تۆمۈريول ئارقىلىق پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلام ئاباد، لاھورلار بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ھازىر بۇ شەھەردە توقۇمىچىلىق، شېكەر، مېۋە كونسېرۋاسى، ئاياق، كىيىم، گىلەم توقۇش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى، پېشاۋار يېزا ئىگىلىك تەتقىقات ئورنى، مال دوختورلۇق تەتقىقات ئورنى، پېشاۋار داشۆسى، يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنى قاتارلىق مەدەنىيەت-مائارىپ ئورۇنلىرى، قەدىمىي قۇرۇلۇشلار، مەشھۇر پېشاۋار مۇزېي قاتارلىق تارىخىي ئورۇنلار بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏