چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئەنگلىيىنىڭ شىمالىدىكى شوتلاندىيىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، مۇھىم پورتى، ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان مۇھىم سودا-سانائەت، مەدەنىيەت ھەم قاتناش مەركىزى. گلاسگوۋ شوتلاندىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پەس جايغا ، كلايد دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئىسمى :گلاسگوۋ

خەنزۇچە ئىسمى :格拉斯哥

باشقا ئىسمى :Glasgow

تەۋەلىكى :شوتلاندىيە

جايلاشقان ئورنى :ئەنگلىيىنىڭ شىمالى

كۆلىمى :198 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :585090 ئادەم (2003-يىل)

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

كۆۋرۈك

گلاسگوۋ مىلادىيە 6-ئەسىردە قۇرۇلغان، 19-ئەسىرگە كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ مۇھىم كېمىسازلىق، پولات-تۆمۈر، ماشىنىسازلىق، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت مەركىزىگە ئايلانغان. ئەنگلىيىنىڭ شىمالىدىكى شوتلاندىيىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ، مۇھىم پورتى، ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان مۇھىم سودا-سانائەت، مەدەنىيەت ھەم قاتناش مەركىزى. گلاسگوۋ شوتلاندىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پەس جايغا، كلايد دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان. گلاسگوۋ شەھىرىنىڭ غەربتىكى دەريا ئاغزىغا قەدەر بولغان ئارىلىقى 35 كىلومېتىر كېلىدۇ. كلايد دەريا ئاغزىدىن دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا قاراپ يۈرگەن پاراخوتلار گلاسگوۋ شەھىرىگە كىرەلەيدۇ .ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يېڭىدىن ئېلېكترون، رادار، نېفىت ئايرىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى قۇرۇلغان. ھازىر ئۇ ئەنگلىيىنىڭ مۇھىم كېمىسازلىق سانائەت مەركىزى بولۇپ، كېمىسازلىق سانائىتى بىلەن ئەنگلىيىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ .

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏