چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تۈركىيىنىڭ شەرقىي قىسىم رايونىنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى تۇزلۇق كۆل . بۇ جاي ئەسلى يەر قاتىلىمىنىڭ چۆككەن قىسمى بولۇپ، مىلادىيە 1441-يىلى نېمرات يانار تېغى پارتلىغان ۋاقىتتا چىققان ۋولقان لاۋىلىرى دەريا يولىنى توسۇۋالغانلىقتىن، كۆل شەكىللەنگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئىسمى :ۋان كۆلى

خەنزۇچە ئىسمى :凡湖

باشقا ئىسمى :Van Golu

كۆل يۈزى كەڭلىكى :119 مېتىر

جايلاشقان ئورنى :تۈركىيىنىڭ شەرقىي قىسىم رايونى

يەر مەيدانى :3738 كۋادرات كىلومېتىر

جۇغراپىيەلىك ئورنى

تۈركىيىنىڭ شەرقىي قىسىم رايونىنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى تۇزلۇق كۆل. بۇ جاي ئەسلى يەر قاتىلىمىنىڭ چۆككەن قىسمى بولۇپ، مىلادىيە 1441-يىلى نېمرات يانار تېغى پارتلىغان ۋاقىتتا چىققان ۋولقان لاۋىلىرى دەريا يولىنى توسۇۋالغانلىقتىن، كۆل شەكىللەنگەن. كۆلنىڭ شەكلى ئۈچ بۇرجەك بولۇپ، يەر مەيدانى 3738 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرا شەرق بويىچە ئىراندىكى رېزايى كۆلىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ كۆل دېڭىز يۈزىدىن 1646 مېتىر ئېگىز بولۇپ، پەسىلگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئەڭ چوڭقۇر جايى 100 مېتىردىن ئاشىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏