چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش پورتۇگالىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، پورتو ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، پورتۇگالىيىنىڭ مۇھىم پورتى. پورتو شەھىرى دوئېرو دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا، ئاتلانتىك ئوكياندىن 5 كىلومېتر يىراقلىقتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :پورتو شەھىرى

خەنزۇچە نامى :

波尔图市

دۆلىتى :

پورتۇگالىيە

ئۆلكىسى :پورتو ئۆلكىسى

مەمۇرىي رايون شەكلى :شەھەر

نوپۇسى :263,000(2010)

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش 

پورتوپورتۇگالىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، پورتو ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، پورتۇگالىيىنىڭ مۇھىم پورتى. پورتو شەھىرى دوئېرو دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا، ئاتلانتىك ئوكياندىن 5 كىلومېتر يىراقلىقتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 336 مىڭدىن ئاشىدۇ. پورتو شەھىرى مىلادىيىدىن 5-ئەسىردە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا رىملىقلار «پورتۇس كالې» دەپ نام بېرگەن. پورتۇس كالې «يىللىق پورت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. پورتو شەھىرى يىللىق نەم مېكسىكا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدىغان دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن قىشلىقى پورتنىڭ سۈيى توڭلىمايدۇ، ھاۋاسى يىللىق بولىدۇ، شۇڭا بۇ قايغا «يىللىق پورت» دەپ نام بەرگەن. كېيىن پورتۇگالىيە بۇ جاينى ئوپورتو دەپ ئاتىغان. بۇ نامنى كېيىن قىسقارتىپ «پورتو» دەپ قوللانغان. «پورتو» پورتۇگالىيە تىلىدا «پورت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. پورتو شەھىرى كونىشەھەر، يېڭىشەھەر دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. كونىشەھەر ئېگىز-پەس ئېدىرلىق ئورۇنغا جايلاشقان. ئۇ دوئېرو دەرياسىغا سېلىنغان چوڭ تۆمۈريول كۆۋرۈكى ئارقىلىق دەريانىڭ ئىككى ياقىسىغا بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. پورتو پورتۇگالىيىنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم ئىقتىسادىي مەركىزى. بۇ جاي توقۇمىچىلىق، تېرە خۇرۇم، پولاتتۆمۈر، تاشيول پورتۇگالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇھىم تۆمۈريول، تاشيول قاتناش تۈگۈنى. بۇ جاي ئارقىلىق ئۈزۈم ھارىقى، زەيتۇن يېغى، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. دەريادا قۇم-لاتقىلار كۆپ بولغانلىقتىن، دەريا ئېقىنىنىڭ پەسىلىك ئۆزگىرىشى چوڭ، شۇڭا 1890-يىلى شەھەرنىڭ غەربىي شىمال دېڭىز قىرغىقىدا رايسائىس سىرتقى پورتى قۇرۇلدى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏