چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش پونى ئۇرۇشى قەدىمكى رىم بىلەن كارتاگىئلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتۇر، قەدىمكى رىملىقلار فىنىكىيلار پونىلار دەپ ئاتىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كارتاگ فىنىكىيلارنىڭ مۇستەملىكىسى بولغاچقا، كىشىلەر بۇ ئۇرۇشنى «پونى ئۇرۇشى» دەپ ئاتىغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :پونى ئۇرۇشى

ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار :رىم جۇمھۇرىيىتى، گارزاگې

ئورنى :ئافرىقا، ئىتالىيە، ئىراق، لىۋىيە، گول، غەربىي ئوتتۇرا دېڭىز

ۋاقتى :مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى264-يىلى

نەتىجىسى :گارزاگې مەغلۇپ بولدى

خەنزۇچە نامى :布匿战争

تونۇشتۇرۇلىشى

پونى ئۇرۇشىپونى ئۇرۇشىپونى ئۇرۇشى قەدىمكى رىم بىلەن گارزاگېلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتۇر، قەدىمكى رىملىقلار فىنىكىيلار پونىلار دەپ ئاتىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە گارزاگې فىنىكىيلارنىڭ مۇستەملىكىسى بولغاچقا، كىشىلەر بۇ ئۇرۇشنى «پونى ئۇرۇشى» دەپ ئاتىغان.

گارزاگې ھازىرقى شىمالىي ئافرىقىدىكى تۇنىسقا جايلاشقان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ئەڭ دەسلەپتە فىنىك كۆچمەنلىرى قۇرغان شەھەر دۆلىتى ئىدى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى7-ئەسىرگە كەلگەندە ئۇ تەرەققىي قىلىپ غەربىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىپ، شىمالىي ئافرىقىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز بويى، ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبى، سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمى، كورسىكا ئارىلى، ساردېگنا ئارىلى ۋە بالېئارې تاقىم ئارىلى قاتارلىق كەڭ رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. گارزاگېنىڭ ئۆز زېمىنىمۇ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى سودا تۈگۈنىگە ئايلىنىپ قالغانىدى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏