چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ۋاتېرلۇ ئۇرۇشى __ ۋاتېرلۇ بېلگىيىدىكى برۇكسېللېس شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى كىچىك كەنت. 1815-يىلى6-ئايدا ناپولېئون فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقداش بىرلەشمە ئارمىيە بىلەن بۇ يەردە ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :ۋاتېرلۇ ئۇرۇشى

ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار :فرانسىيە، 7-قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقداش ئارمىيە

ئورنى :ۋاتېرلۇ (بۈگۈنكى بېلگىيە چېگرىسى ئىچىدە)

ۋاقتى :1815-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى

نەتىجىسى :فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقداش ئارمىيە غەلىبە قىلغان

خەنزۇچە نامى :滑铁卢战役

ۋاتېرلۇ ئۇرۇشى 

11پارچەۋاتېرلۇ ئۇرۇشىۋاتېرلۇ بېلگىيىدىكى برۇكسېللېس شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى كىچىك كەنت. 1815-يىلى6-ئايدا ناپولېئون فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقداش بىرلەشمە ئارمىيە بىلەن بۇ يەردە ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. نەتىجىدە ناپولېئون مەغلۇپ بولۇپ، ئۆمۈرلۈك سۈرگۈن قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن ۋاتېرلۇمۇ دۇنياغا داڭلىق جايغا ئايلىنىپ، بۇ نام ئەڭ ئاخىردىكى مەغلۇبىيەت ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان سۆز بولۇپ قالغان.

 1813-يىلى10-ئايدا ياۋروپادا ئون نەچچە يىل زومىگەرلىك قىلغان ناپولېئون لېيپزىگ ئۇرۇشىدا فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيە تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان، فرانسىيە ئارمىيىسى ئېغىر چىقىم تارتقان. 1814-يىلى3-ئايدا فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيە پارىژغا قىستاپ كەلگەن. ناپولېئون نائىلاج ئورۇن بىكارلىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئېلبا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن فرانسىيە بوربۇن پادىشاھلىقىدىكى لۇئى 18 پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان. 

7-ئاينىڭ 8-كۈنى بوربۇن خانىدانلىقى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ ھىمايىسىدە پارىژغا يېڭىۋاشتىن قايتىپ كېلىپ، 2-قېتىم تىرىلگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏