چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يىراقتىن سىگنال بېرىدىغان رادار يىراق ئارىلىقتىن كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دۈشمەن ئايروپىلانى ۋە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنىڭ ئەھۋالىنى يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىق ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىدۇ، ھەتتا دۆلەت چېگرىسى سىرتىدىكى دۈشمەن ئايروپىلانى، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى كۆزىتەلەيدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :يىراقتىن سىگنال بېرىدىغان رادار

خەنزۇچە نامى :远程预警雷达

يىراقتىن سىگنال بېرىدىغان رادار

11پارچەيىراقتىن سىگنال بېرىدىغان راداررادارنىڭ يىراقنى كۆرۈشى ئۈچۈن، رادارنىڭ قويۇپ بېرىش ئاپپاراتى ۋە قوبۇللىغۇچىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئۆستۈرۈش، يوغان ئانتېننا قۇراشتۇرۇش كېرەك، شۇڭا يىراقتىن سىگنال بېرىدىغان رادارلار چوڭ بولىدۇ. يىراقتىن سىگنال بېرىدىغان رادارلارنىڭ تەكشۈرۈش ئارىلىقى ئادەتتە 400 − 500 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.

ھازىر تېزلىكى ئاۋاز سۈرئىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان ئايروپىلانلار 10 مىنۇت ئىچىدە 400 كىلومېتىر ئۇچالايدۇ. ئەگەر تەكشۈرۈش ئارىلىقى 500 كىلومېتىر بولغان رادار دۈشمەن ئايروپىلانىنى بايقىغاندىن دۈشمەن ئايروپىلانى رادار بوشلۇقىغا يېتىپ كەلگۈچە 12 مىنۇت 30 سېكۇنت ۋاقىت بولسا، قىرغۇچى ئايروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىملىرىنىڭ بارلىق جەڭ تەييارلىقىنى قىلىشى ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىت يارىتىپ بېرىلگەن بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏