چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش لازېر زەمبىرەكنىڭ «نۇر ئوقى» نىڭ سۈرئىتى تېز، 1 سېكۇنت ئىچىدە 1000 پاي ئاتقىلى بولىدۇ. ئۇ يىراقتىن خەۋەر بېرىدىغان رادارغا تايىنىپ دۈشمەن تەرەپنىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلىرىنىڭ ئۇچۇش يۆنىلىشى، ئارىلىقى، ئېگىزلىكى، سۈرئىتى قاتارلىقلارنى ئۆلچەپ، ئېلېكترونلۇق كومپيۇتېردا نىشاننى تېزدىن بېكىتىپ، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە قىلچە خاتاسىز تېگىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :لازېر زەمبىرەك

خەنزۇچە نامى :激光炮

چەتئەلچە نامى :laser gun

قارىمىقىدىكى پەن :ھەربىي ئىشلار

تۈرلىرى ۋە رولى 

لازېر زەمبىرەك، ئاساسەن، قاتلانما شەكىللىك لازېر زەمبىرەك، مۇقىم شەكىللىك لازېر زەمبىرەك ۋە يېنىك تىپتىكى لازېر زەمبىرەك دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ.

قاتلانما شەكىللىك لازېر زەمبىرەك

لازېر زەمبىرەك قاتلانما شەكىللىك لازېر زەمبىرەكنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ئادەتتىكى كاتيۇشاغا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئاساسەن دۈشمەننىڭ تانكا توپى، ئايروپىلانى ۋە چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

مۇقىم شەكىللىك لازېر زەمبىرەك

 مۇقىم شەكىللىك لازېر زەمبىرەك ئادەتتىكى كاننون زەمبىرىكىگە ئوخشايدۇ.

يېنىك تىپتىكى لازېر زەمبىرەك

لازېر زەمبىرەكيېنىك تىپتىكى لازېر زەمبىرەك ئادەتتىكى مىناميوتتىن پەرقلەنمەيدۇ، ئۇ ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان دۈشمەن ئايروپىلانى، توپ تانكا ۋە ئېغىر تىپتىكى ياراغلارغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئېتىلغان ئوق زايە كەتمەيدۇ، دۈشمەنگە ئويلىمىغان يەردىن زەربە بېرىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏