چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مىلادىيە 383 - يىلى يۈز بەرگەن — شەرقىي جىن سۇلالىسى زامانىسىدىكى شىمالىي جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن ھاكىمىيەتنى بۇرۇن چىن سۇلالىسى جەنۇبىي تەرەپ شەرقىي جىن سۇلالىسى قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق يۇتۇۋېلىشى بىر قاتار ئۇرۇش ئىچىدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :فېيشۇي ئۇرۇشى

ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار :شەرقىي جىن، ئالدىنقى چىن

ئورنى :شەرقىي جىن سۇلالىسى يۈيجۇ خۇەينەن ۋىلايەت فېيشۈي ئەتراپىدا

ۋاقتى :مىلادىدىن ئىلگىرىكى 383-يىلى 11-ئاي

نەتىجىسى :جىن زور غەلىبىگە ئېرىشتى

خەنزۇچە نامى :淝水之战

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

4پارچەفېيشۇي ئۇرۇشىمىلادىيە 382-يىلى ئالدىنقى چىن پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى فۇ جيەن ۋەزىر-ۋۇزرالىرىنى يىغىپ، شەرقىي جىن سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا كېڭەش ئۆتكۈزدى. ئۇ ۋەزىر-ۋۇزرالىرىغا: «كەمىنە پادىشاھ بولغىلى30 يىل بولاي دېدى، ھەممە ياق تىنچىدى، پەقەت شەرقىي جىن سۇلالىسىلا كەمىنىنىڭ پەرمانىغا بويسۇنمايۋاتىدۇ. كەمىنە شەخسەن ئۆزۈم زور قوشۇن باشلاپ شەرقىي جىن سۇلالىسىنى يوقاتماقچى بولۇۋاتىمەن، ھەرقايسىڭلار قانداق قارايسىلەر؟ » دېدى، لەشكىرىي، مۈلكىي ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەتتا ئۇنىڭ ئىنىسى فۇ رۇڭ ۋە ئامراق خانىشى جاڭ خېنىممۇ ئۇنىڭغا لەشكىرىي يۈرۈش قىلماسلىققا نەسىھەت قىلدى. بىراق، فۇ جيەن ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىدىن مەجبۇرىي لەشكەر ئېلىپ، مىلادىيە 383-يىلى 870 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق، پىيادە لەشكەرلەرنى باشلاپ سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتىن تەڭلا ئىلگىرىلەپ، شەرقىي جىن سۇلالىسىگە زور كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى.

ئالدىنقى چىن پادىشاھلىقىنىڭ قوشۇنلىرى چېگرىغا بېسىپ كەلگەندە، شەرقىي جىن سۇلالىسى ئوردىسى ساراسىمىگە چۈشتى. شەرقىي جىن سۇلالىسىنىڭ ۋەزىرى شيې ئەن ئەتراپلىق پىلان تۈزۈپ، ئىنىسى شيې شى، جىيەنى شيې شۈەننى 80 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ جەڭگە چىقىشقا بۇيرۇدى. شەرقىي جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى لوجيەن(يەنى لوخې دەرياسى، ھازىرقى ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى خۇەينەننىڭ شەرقىدە) ئەتراپىغا كېلىپ بارگاھ قۇرۇپ، خىللانغان 5000 لەشكەرنى ئەۋەتىپ ئالدىنقى چىن سۇلالىسىنىڭ تۇرشاۋۇل قىسىمىغا ھۇجۇم قىلدى ۋە دۈشمەننىڭ 15 مىڭ لەشكىرىنى يوقىتىپ، ئالدىنقى چىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇردى. ئارقىدىنلا شەرقىي جىن سۇلالىسىنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە سۇ لەشكەرلىرى تەڭلا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ئۇدۇل فېيشۇي دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا كېلىپ، چىن سۇلالىسىنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن دەريا بويىدا قارشىلاشتى. فۇ جيەن شۇياڭ شەھىرى (ھازىرقى ئەنخۇينىڭ شۇشيەن ناھىيىسى) نىڭ سېپىلىغا چىقىپ شەرقىي جىن قوشۇنلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ، شەرقىي جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىدىكى لەشكەرلەرنىڭ جەسۇر ھەم قاۋۇل، سەپلىرىنىڭ رەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆردى، ئاندىن يىراقلارغا نەزەر سېلىپ باگۇڭشەن تېغىدىكى ئوت-چۆچلەرنىڭ مىدىرلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ھەممىسى شەرقىي جىن سۇلالىسىنىڭ لەشكەرلىرى ئوخشايدۇ دەپ، ئىچىدە قورقۇشقا باشلىدى. ئۇ فۇ رۇڭغا: «بۇ قېتىم يەڭگىللىك بىلەن يۈرۈش قىپتىمىز، شەرقىي جىن قوشۇنلىرى نەدىمۇ ئاجىز بولسۇن؟ » دېدى. بۇ چاغدا، شەرقىي جىن سۇلالىسى سانغۇنى شيې شۈەن ئالدىنقى چىن پادىشاھلىقى قوشۇنلىرى بارگاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، چىن پادىشاھلىقى قوشۇنلىرىنىڭ ئارقىغا سەل چېكىنىپ شەرقىي جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ دەريادىن ئۆتۈپ ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. فۇ جيەن شەرقىي جىن قوشۇنلىرىنىڭ يېرىمى دەريادىن ئۆتۈپ بولغاندا، خىللانغان ئاتلىق قوشۇن بىلەن شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ شەرقىي جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى يوقاتماقچى بولۇپ، چېكىنىشكە پەرمان چۈشۈردى. ئالدىنقى چىن پادىشاھلىقى قوشۇنلىرى ئارىسىدىكى ھەر مىللەت لەشكەرلىرىنىڭ ئەسلىدىلا جەڭ قىلغۇسى يوق ئىدى، شۇڭلاشقا قوشۇن چېكىنىشى بىلەنلا باشقۇرغىلى بولمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسىرگە چۈشكەن شەرقىي جىن سۇلالىسى سانغۇنى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قوشۇن ئارىسىدا: «ئالدىنقى چىن قوشۇنلىرى مەغلۇپ بولدى! ئالدىنقى چىن قوشۇنلىرى مەغلۇپ بولدى! ئالدىنقى چىن قوشۇنلىرى مەغلۇپ بولدى! » دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى، شۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى چىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىردىنلا پاتىپاراقچىلىققا چۈشتى. شەرقىي جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دەريادىن ئۆتۈپ ھۇجۇم قوزغىدى، ئالدىنقى چىن پادىشاھلىقى قوشۇنلىرى پۈتكۈل سەپ بويىچە مەغلۇپ بولۇپ، نۇرغۇن لەشكىرى ئۆلدى ۋە يارىلاندى. فۇ رۇڭ جەڭ مالىمانچىلىقىدا ئۆلدى. فۇ جيەن ئالمان-تالمان ئۆز جېنىنى ئېلىپ قاچتى، يول بويى شامالنىڭ ھۇشقۇيتىشىنى ئاڭلاپ، شەرقىي جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى قوغلاپ كېلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قالدى. ئۇ قېچىپ لوياڭغا كەلگەندە ئاران 100 نەچچە مىڭلا لەشكىرى قالغانىدى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏