چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكىنىڭ توكيو پورتىدا توختىغان «مىسسۇرى» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىدا ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇپ ئىمزا قويۇش مۇراسىمى رەسىمىي ئۆتكۈزۈلدى، شۇنىڭ بىلەن 2-دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇشى

باشقا ئاتىلىشى :ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ياپونىيە نىڭ تەسلىم بولۇشى

ۋاقتى :1945-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى

نەتىجىسى :2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر غەلبە قىلدى

خەنزۇچە نامى :日本投降

چەتئەلچە نامى :Japanese surrender

ئارقا كۆرۈنۈشى

ئىستراتېگىيىلىك قايتۇرما ھۇجۇم 

ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇشى1942-يىلى 6-ئايدا يۈز بەرگەن مىدۋېي ئارىلىدىكى دېڭىز ئۇرۇشىدىن كېيىن، تىنچ ئوكيان جەڭ رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ياپونىيە ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۈستۈنلۈكىدىن بارا-بارا مەھرۇم قالدى. 1943-يىلى 2-ئايدا ئامېرىكا ئارمىيىسى يەنە گۋادالكانال ئارىلى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىگە ئېرىشتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىدا تەدرىجىي ھالدا ئىستراتېگىيىلىك قايتۇرما ھۇجۇم باسقۇچىغا ئۆتتى.

«ئارالدىن ئۆتۈش تاكتىكىسى»

ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇشىلېكىن، گۋادالكانال ئارىلى ئۇرۇشىدىن باشلاپ ياپونىيە ئارمىيىسى يەنىلا تىركىشىپ جان تالاشتى. ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن ياپونىيە ئارمىيىسى ئاراللارنى بىر-بىرلەپ تالاشقانلىقتىن، ئۇلارنىڭ تالاپىتى ئېغىر بولۇپلا قالماستىن، جەڭ سۈرئىتىمۇ ئاستا بولدى. ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۆزىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ، دېڭىز ۋە ھاۋادىكى ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ «ئارالدىن ئۆتۈش تاكتىكىسى» نى قوللاندى. بۇ تاكتىكا ئارقىلىق ياپونىيىنىڭ بەزى قاتتىق مۇداپىئە قىلىۋاتقان بازىلىرى(ئاراللىرى) دىن ئۆتۈپ، ئۇنىڭ يان تەرىپىگە ۋە كەينى تەرىپىگە ھۇجۇم قىلدى، ئاندىن كېيىن يەككە-يېگانە ۋە ياردەمسىز قالغان بۇ بازىلارنى يوقاتتى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏