چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئاۋاز ئارقىلىق يول باشلاش ۋە ئارىلىق ئۆلچەش، بىر خىل ئاۋاز دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ سۇ ئاستىدىكى تارقىلىش ئالاھىدىلىكى، ئېلېكترلىك ئاۋاز ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، سۇ ئاستىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئالاقىلىشىش ۋەزىپىسىنى تاماملايدىغان ئېلىكتىرون ئەسۋابى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :سونار

خەنزۇچە نامى :声呐

چەتئەلچە نامى :Sound Navigation And Ranging;sonar

قىسقىچە چۈشەنچە 

4پارچەسونارئەڭ دەسلەپتىكى مۇنتىزىم سۇ ئاستى پاراخوتىدىن ھازىرقى يادرو ئېنېرگىيىلىك سۇ ئاستى پاراخوتىغىچە بولغانلارنىڭ ھەممىسى چوڭقۇر سۇ ئاستىدا يۈرەلەيدۇ، ئۇلارنى بايقاش قىيىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ سۇ ئاستىدىكى ھەرىكىتى ئاۋاز چىقىرىدۇ، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى ئاجرىتىدۇ، ئاۋاز دولقۇنىنى قايتۇرىدۇ، كېرەكسىز گاز چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، شۇ جايدىكى يەر ماگنىت ئىندۇكسىيىسىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. كىشىلەر سۇ ئاستى پاراخوتىدىكى تۈگەتكىلى بولمايدىغان بۇ خىل «نۇقسانلار» دىن پايدىلىنىپ، ئىلىم-پەنگە تايىنىپ، سۇ ئاستى پاراخوتىنى مەخسۇس ئىزدەيدىغان ئۈسكۈنە − سونارنى تەتقىق قىلىپ چىقتى.

سونار ئايروپىلاندا ئېلىپ يۈرۈلىدىغان، پاراخوتتا ئېلىپ يۈرۈلىدىغان ۋە مۇقىم شەكىللىك دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. ئايروپىلاندا ئېلىپ يۈرۈلىدىغان سونار ئاساسەن ئاسما قۇرۇلما، قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى، قوبۇللىغۇچ، تەسۋىر كۆرسەتكۈچ، ئېلېكتر مەنبەسى، كونترول تاختىسى ۋە ئېنېرگىيە ئالماشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ، بۇلار ئۆزئارا ماسلىشىپ، سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئىزدەش ۋەزىپىسنى بىرلىكتە تاماملايدۇ. ئايروپىلاندا ئېلىپ يۈرۈلىدىغان سونار تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا ئايروپىلان بەلگىلەنگەن دېڭىز رايونىدىكى دېڭىز يۈزىگە 10 نەچچە مېتىر كېلىدىغان تۆۋەن بوشلۇقتىن ئېنېرگىيە ئالماشتۇرغۇچنى دېڭىز سۈيىدىكى مەلۇم چوڭقۇرلۇققا سالىدۇ، قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى يۇقىرى چاستوتىلىق ئالماشتۇرۇش سىگنالىنى پەيدا قىلىپ، ئېنېرگىيە ئالماشتۇرغۇچقا يوللاپ بېرىدۇ. ئېنېرگىيە ئالماشتۇرغۇچ ئېلېكتر سىگنالىنى ئاۋاز دولقۇنىغا ئايلاندۇرۇپ، دېڭىزغا قويۇپ بېرىدۇ، قوبۇللىغۇچ قايتقان سىگنالنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇچۇرلارنى چوڭايتىپ، تەسۋىر كۆرسەتكۈچكە چىقىرىپ بېرىدۇ، تەسۋىر كۆرسەتكۈچ كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدىغان ئۇچۇرلارنى ئادەم ئاڭلىيالايدىغان سادا ۋە كۆرەلەيدىغان نۇر نۇقتىسىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇچقۇچى بۇ ئارقىلىق سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئايروپىلان بىلەن بولغان ئارىلىقى ۋە يۆنىلىشىگە دائىر سانلارنى بىلەلەيدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏