چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مىلادىيە 1357-يىلى ليۇ فۇتۇڭ قوشۇننى ئۈچ يولغا بۆلۈپ يۈەن سۇلالىسىگە كەڭ كۆلەمدە جازا يۈرۈشى قىلدى. شەرقىي يولدىكى قىزىل ياغلىقلىقلار قوشۇنى يۈەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى خانبالىق (ھازىرقى بېيجىڭ) قا پەقەت 100 نەچچە چاقىرىم كېلىدىغان جىجۇغىچە ھۇجۇم قىلىپ كەلدى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :قىزىل ياغلىقلىقلار قوزغىلىڭى

ئورنى :يىڭجۇ

ۋاقتى :1351 ~ 1366

خەنزۇچە نامى :红巾军起义

قوزغلاڭ سەۋەبى 

11پارچەقىزىل ياغلىقلىقلار قوزغىلىڭىيۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى موڭغۇل-خەنزۇ پومېشچىكلىرى دەھشەتلىك مىللىي زۇلۇم ۋە سىنىپىي ئېكسپىلاتاتسىيە يۈرگۈزگەچكە، مىللىي زىددىيەت ۋە سىنىپىي زىددىيەت ئىنتايىن كەسكىنلەشتى. مىلادىيە 1351-يىلى يۈەن شۇندى 150 مىڭ دېھقاننى خۇاڭخې دەرياسىنى تىزگىنلەش ھاشىرىغا سالدى. ئىشلەمچىلەر ئىنتايىن ئېغىر ئەمگەك قىلاتتى، ئوزۇقلۇق ئاشلىقلىرى دائىم تۇتۇپ قېلىناتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەۋەبسىزلا قامچا يەيتتى ۋە جازاغا تارتىلاتتى، شۇڭا نارازىلىق كەيپىياتى يۇقىرى ئىدى. شىمالدىكى بەيليەنجياۋ دىنىنىڭ داھىيلىرى خەن شەنتۇڭ بىلەن ليۇ فۇتۇڭ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يۈەن سۇلالىسىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى. ئۇلار يوشۇرۇنچە بىر كۆزلۈك تاش ئادەم ياساپ، «يوقتۇر جاھاندا يەكچەشمە تاش ئادەم، گەر بولسا پەيدا ئاستىن-ئۈستۈن بولار ئالەم» دېگەن خەتنى ئويۇپ، قېزىۋاتقان دەريا قىنىغا كۆمۈپ قويدى. دەريا قازغۇچىلار يەكچەشمە تاش ئادەمنى كولاپ چىقىرىپ قاتتىق ھەيران قېلىشتى ھەمدە جاھان راستتىنلا ئاستىن-ئۈستۈن بولىدىغان بولدى، دەپ قالدى. خەن شەنتۇڭ، ليۇ فۇتۇڭلار پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، خېبېينىڭ يۇڭنيەن ناھىيىسىدىكى بەيلۇجۇاڭدا 3000 ئادەمنى يىغىپ ئاق ئات، قارا كالا ئۆلتۈرۈپ قەسەم ئىچىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ھازىرلاندى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏