چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ھۈجەيرە (بىئولوگىيەدىكى جانلىقلارنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسىي بىرلىك ،ئېنگلىزچە ئاتىلىشى:cell ) نىڭ بىرلىككە كەلگەن ئېنىقلىمىسى يوق، بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئاتىلىشى بولسا: ھۈجەيرە بولساقۇرۇلما ۋە ئىقتىدار جەھەتتە جانلىقلار تېنىنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسىي بىرلىك. ھازىرغا قەدەر ئېنىق بولغىنى شۇكى ۋىرۇستىن باشقا بارلىق جانلىقلار ھەممىسى ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ، ئەمما ۋىرۇسنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرى چۇقۇم ھۈجەيرە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ھۈجەيرە

خەنزۇچە نامى :细胞

چەتئەلچە نامى :cell

ھۈجەيرە ھەققىدە 

ئادەتتە باكتىرىيە قاتارلىق چوڭ بىر تۈركۈم مىكروبلار شۇنداقلا پروتوزوئا قاتارلىقلار يەككە ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن، يەنى تاق ھۈجەيرىلىك جانلىقلار، ئالىي دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك ۋە ئالىي دەرىجىلىك ھايۋاناتلار بولسا كۆپ ھۈجەيرىلىك جانلىقلاردۇر. ھۈجەيرە ئىپتىدائىي يادرۇلۇق ھۈجەيرە (پروكاريوتا،Prokaryotic cell) ۋە ھەقىقىي يادرۇلۇق ھۈجەيرە (ئېۋكاريوتا،Eukaryotic cells)دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، بىراق يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچ تۈرگە ئايرىش كېرەك دەپ قارايدۇ، يەنى ئەسلىدىكى ئىپتىدائىي يادرۇلۇق ھۈجەيرە ئىچىدىكى قەدىمىي يادرۇلۇق ھۈجەيرىلەرنى ئايرىپ چىقىپ ئايرىم تۈرگە قويۇش. ھۈجەيرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم ھۈجەيرە بىئولوگىيىسى.

ھۈجەيرە ناھايىتى كىچىك، پەقەت مىكروسكوپ ئاستىدىلا كۈزەتكىلى بولىدۇ، شەكلى ھەرخىل. ئاساسلىقى ھۈجەيرە يادرۇسى ۋە ھۈجەيرە پىلازمىسىدىن تۈزۈلگەن، سىرتقى يۈزىدە ھۈجەيرە پەردىسى بولىدۇ. ئالىي دەرىجىلىك ئۈسۈملۇك ھۈجەيرىسىنىڭ ھۈجەيرە پەردىسى سىرتىدا بىر قەۋەت ھۈجەيرە پوستى بولىدۇ، ھۈجەيرە پىلازمىسىدا دائىم سىنتروزوما (مەركىزىي تەنچە) بولىدۇ، ئەمما ئالىي دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر ھۈجەيرىسىدا يوق بولىدۇ. ھۈجەيرىنىڭ ھەرىكەت قىلىش، ئوزۇقلىنىش ۋە كۆپىيىش قاتارلىق فونكىسسىيىسى بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏