چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئامېرىكىنىڭ ۋىيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى، ۋيېتنام خەلقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :ئامېرىكىنىڭ ۋىيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى

خەنزۇچە نامى :美国侵略越南战争

ئۇرۇش تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى

4پارچەئامېرىكىنىڭ ۋىيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى 1961-يىلى ئامېرىكا «جەنۋە كېلىشىمى» گە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، سايگون قورچاق ھاكىمىيىتىنى يۆلەپ، ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىدا ئۇرۇش قوزغىدى. ۋيېتنام خەلقى بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، 14 يىللىق ئۇرۇش ئارقىلىق 1975-يىلى غەلىبىگە ئېرىشتى. 

1954-يىلى «جەنۋە كېلىشىمى» ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا فرانسىيىنىڭ ئورنىدا ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىدا مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى يۈرگۈزۈپ، ۋيېتنام ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش قىلىشىغا يار-يۆلەك بولدى. 1961-يىلى ئامېرىكا» ئالاھىدە ئۇرۇش «قوزغىدى. بۇ جەنۇبىي ۋيېتنام ئارمىيىسىنىڭ ئامېرىكا قورال-ياراغلىرىنى ئىشلىتىپ، ئامېرىكا ھەربىي مەسلىھەتچىسىنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىدا، ۋيېتنام خەلقىنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش مەقسىتىدە قىلغان ئۇرۇشتۇر. ئالاھىدە ئۇرۇش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا يەنە 1964-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىنى بومباردىمان قىلدى. 1965-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسىمىنى ئەۋەتىپ، ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىدا بىۋاسىتە ئۇرۇشقا قاتناشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنىڭ دەرىجىسى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئاساس قىلىنغان قىسمەن ئۇرۇش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىنى قاتتىق بومباردىمان قىلدى، ئۇلار تاشلىغان بومبا ئامېرىكىنىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا تاشلىغان بومبىسىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ بىرقانچە ھەسسە كۆپ بولدى. 1969-يىلى 4-ئايدا ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلغان ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئادەم سانى 540 مىڭغا يەتتى. «جەنۇبتا ئۇرۇش قىلىش، شىمالنى پارتلىتىش» تەك قىسمەن ئۇرۇش يەنىلا مەغلۇپ بولدى. 1969-يىلى نىكسون تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا «ئۇرۇشنى ۋيېتناملاشتۇرۇش» سىياسىتىنى يولغا قويدى، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئامېرىكا قوللىغان ۋيېتنام ئارمىيىسى بىلەن ۋيېتنامنىڭ ئامېرىكىغا قارشى قوراللىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولدى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏