چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش 18 _ سېنتەبىر ۋەقەسى ( فېڭتيەن ۋەقەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، لىيۇتىياۋخۇ ۋەقەسى ) بولسا ياپونىيىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا قەستەن ھەمدە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان بىر قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىق، ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ باشلىنىشى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :18-سېنتەبىر ۋەقەسى

باشقا ئاتىلىشى :فېڭتيەن ۋەقەسى، لىيۇتىياۋخۇ ۋەقەسى

ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار :ياپۇنىيە، جوڭگو

ئورنى :جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونى

ھەربىي كۈچ :جۇڭگو : 160 مىڭ ئادەم ياپونىيە : 30 مىڭدىن 66 مىڭ ئادەم

ۋاقتى :1931-يىلىدىن 1932-يىلىغىچە

نەتىجىسى :ياپونىيە غەلىبە قىلدى

خەنزۇچە نامى :九一八事变

ئۇرۇش جەريانى 

«18-سېنتەبىر» ۋەقەسى—1931-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ياپون جاھانگىرلىكى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى قورال كۈچى بىلەن بېسىۋالغان ۋەقە. 

ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى 

4پارچە18سېنتەبىر ۋەقەسى1931-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى كېچىدە ياپونىيىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا تۇرۇشلۇق كانتون ئارمىيىسى ئالدىنئالا پۇختا پىلانلاش ئارقىلىق مۇھاپىزەتچى قىسىم ئەۋەتىپ، جەنۇبىي مانجۇرىيە تۆمۈريولىنىڭ شېنياڭ ئەتراپىدىكى ليۇتياۋخۇ بۆلىكىدىكى رېلىسنى پارتلىتىۋەتتى، ئاندىن جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال ئارمىيىسى جەنۇبىي مانجۇرىيە تۆمۈريولىنى بۇزۇۋېتىپ ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ مۇھاپىزەتچى قىسمىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى، دەپ ئىغۋا تارقاتتى ھەمدە مۇشۇنى باھانە قىلىپ شەرقىي شىمال ئارمىيىسى تۇرۇۋاتقان شىمالىي گازارمىنى توپقا تۇتۇپ شېنياڭ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىدى.

ئۇرۇش ئوتى يامراش

4پارچە18سېنتەبىر ۋەقەسى ۋەقەدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال ئارمىيىسىدىكى نەچچە يۈز مىڭ ئەسكەر گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى جياڭ جيېشىنىڭ «قەتئىي قارشى تۇرماسلىق» بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىپ، شەنخەيگۇەننىڭ جەنۇبىغا ئۆزلۈكىدىن چېكىنىپ كەتتى. ياپونىيە ئارمىيىسى شىمالىي گازارما ۋە شېنياڭ شەھىرىنى بىر كېچىدىلا ئىشغال قىلىۋالدى، ئەتىسى يەنە چاڭچۇننى بېسىۋالدى. جياڭ جيېشى شەرقىي شىمال ئارمىيىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، قەتئىي قارشىلىق كۆرسەتمەسلىك توغرىسىدا جىددىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، 190 نەچچە مىڭ كىشىلىك شەرقىي شىمال ئارمىيىسىنى شەنخەيگۇەننىڭ ئىچكىرىسىگە چېكىنىشكە مەجبۇرلىدى. 1932-يىل 2-ئاينىڭ 5-كۈنى خاربىننى ئىگىلىگىچە بولغان ئارىلىقتا، ياپونىيە ئارمىيىسى تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدىلا لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ ئۈچ ئۆلكىنى بېسىۋالدى.

ئۇرۇش نەتىجىسى 

«18-سېنتەبر» ۋەقەسىدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ 1 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق گۈزەل زېمىنى ۋە سان-ساناقسىز بايلىقلىرى جياڭ جيېشىنىڭ قارشلىق كۆرسەتمەسلىك سىياسىتى تۈپەيلىدىن قولدىن كەتتى. 30 مىليون شەرقىي شىمال خەلقى ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا 14 يىل ۋەتىنى مۇنقەرز بولغان قۇللاردەك تۇرمۇش كەچۈردى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏