ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :مائارىپ قانۇنى

خەنزۇچە نامى :教育法

مەزمۇنى 

مائارىپ قانۇنى(1995-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدا ماقۇللاندى)

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1-ماددا بۇ قانۇن مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيەتلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مائارىپقا تەتبىقلىنىدۇ. 

3-ماددا دۆلەت ماركىسىزم-لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسىي پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ، سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. 

4-ماددا مائارىپ-سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسى. دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك. 

پۈتكۈل جەمئىيەت ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلىشى كېرەك.

5-ماددا مائارىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن بىرلىشىشى، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرۇغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشى شەرت. 

6-ماددا دۆلەت تەربىيىلەنگۈچىلەر ئارىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزىم تەربىيىسى ئېلىپ بارىدۇ، غايە، ئەخلاق، ئىنتىزام، قانۇنچىلىق، دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيىسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېلىپ بارىدۇ. 

7-ماددا مائارىپ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ بارلىق ئېسىل مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. 

8-ماددا مائارىپ پائالىيەتلىرى دۆلەت ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىشى شەرت. 

دۆلەت مائارىپ بىلەن دىننى ئايرىش يولىنى تۇتىدۇ. ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە توسالغۇ بولىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

9-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىدا تەربىيىلىنىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. 

پۇقرالار مىللىتى، ئىرقى، جىنسى، كەسىپى، مال-مۈلۈك ئەھۋالى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارغا قارىماي تەربىيىلىنىش پۇرسىتىدىن قانۇن بويىچە باراۋەر بەھرىمەن بولىدۇ.

10-ماددا دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

دۆلەت چەت يىراق، نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يار-يۆلەك بولىدۇ. 

دۆلەت مېيىپلار مائارىپى ئىشلىرىغا يار-يۆلەك بولىدۇ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

11-ماددا دۆلەت سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا يارىشا، مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەر دەرىجىلىك مائارىپنى ماسلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرىدۇ، ئۆمۈرلۈك تەربىيە ئېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. 

دۆلەت مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتىنى قوللايدۇ، رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە ئۇيۇشتۇرىدۇ. مائارىپ ئىلمى تەتقىقاتى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ. 

12-ماددا خەنزۇ تىل-يېزىقى مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتۇشتا قوللىنىدىغان ئاساسىي تىل-يېزىق. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئاساس قىلىنغان مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتۇشنى شۇ مىللەتنىڭ تىل يېزىقى بىلەن ياكى شۇ يەردىكى مىللەتلەر ئورتاق ئىشلىتىدىغان تىل-يېزىق بىلەن ئېلىپ بارسا بولىدۇ. مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتۇشتا مەملىكەت بويىچە قوللىنىلىدىغان ئاممىباب خەنزۇ تىلىنى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلغان خەنزۇ يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ. 

13-ماددا دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

14-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش، ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، مائارىپ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشقۇرىدۇ.

ئوتتۇرا مائارىپ ۋە ئوتتۇرا مائارىپتىن تۆۋەن مائارىپنى گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى باشقۇرىدۇ. 

ئالىي مائارىپنى گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلىكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى باشقۇرىدۇ.

15-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مائارىپ خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ ۋە ماسلاشتۇرۇپ باشقۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى مائارىپ خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى دائىرىسىدە ئالاقىدار مائارىپ خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ. 

16-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا مائارىپ خىزمىتى ۋە مائارىپ راسخوتىنىڭ خام چوت، نەق چوت ئەھۋالىدىن دوكلات قىلىشى، نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. 

2-باب مائارىپنىڭ ئاساسىي تۈزۈملىرى 

17-ماددا دۆلەت ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى، باشلانغۇچ مائارىپ، ئوتتۇرا مائارىپ، ئالىي مائارىپتىن ئىبارەت مەكتەپ مائارىپى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

ئىلمىي ئوقۇش تۈزۈمى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. ئوقۇش تۈزۈمى سىستېمىسىدىكى مەكتەپلەرنى ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش، تەلىم-تەربىيە شەكلى، ئوقۇش مۇددىتى، ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى، يېتىشتۈرۈش نىشانى قاتارلىقلارنى گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ. 

18-ماددا دۆلەت توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. 

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇشقا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. 

ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىش ۋە تۈگىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. 

19-ماددا دۆلەت كەسىپىي مائارىپ تۈزۈمى ۋە چوڭلار مائارىپى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار ۋە كارخانىلار، كەسپىي تەشكىلاتلار تەدبىر قوللىنىپ، پۇقرالارنىڭ كەسپىي مەكتەپ تەلىم-تەربىيىسى ياكى ھەر خىل شەكىلدىكى كەسپىي تەربىيە ئېلىش ئىشىنى راۋاجلاندۇرۇشى ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. 

دۆلەت ھەر خىل شەكىلدىكى چوڭلار مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، پۇقرالارنى مۇۋاپىق شەكىلدىكى سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن، تېخنىكا تەربىيىسى، كەسپىي تەربىيە ۋە ئۆمۈرلۈك تەربىيە ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

20-ماددا دۆلەت دۆلەتلىك مائارىپ ئىمتىھانى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. 

دۆلەتلىك مائارىپ ئىمتىھانىنىڭ تۈرلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ ھەمدە بۇ ئىمتىھاننى دۆلەت تەستىقلىغان ئاپپاراتلار ئالىدۇ. 

21-ماددا دۆلەت ئوقۇش گۇۋاھنامىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. 

دۆلەتنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان ياكى دۆلەت ئېتىراپ قىلغان مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا ئوقۇش گۇۋاھنامىلىرىنى تارقىتىدۇ. 

22-ماددا دۆلەت ئىلمىي ئۇنۋان تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. 

ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇن مۇئەييەن ئىلمىي سەۋىيىگە ياكى كەسپىي تېخنىكا سەۋىيىسىگە يەتكەن خادىملارغا قانۇن بويىچە مۇناسىپ ئىلمىي ئۇنۋان ۋە ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ.

23-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كارخانىلار ۋە كەسپىي تەشكىلاتلار تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش تەلىم-تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە پۇقرالار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش تەلىم-تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. 

24-ماددا دۆلەت مائارىپ مۇپەتتىشلىكى تۈزۈمىنى، مەكتەپ ۋە باشقا دۆلەت مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ تەلىم-تەربىيىسىنى باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

3-باب مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى 

25-ماددا دۆلەت مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ ھەمدە مەكتەپلەرنى ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى قۇرىدۇ. 

دۆلەت كارخانىلار، كەسپىي تەشكىلاتلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەم پۇقرالارنىڭ قانۇن بويىچە مەكتەپ ئېچىشىغا ۋە مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ. 

ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە مەكتەپ ئېچىشىغا ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

26-ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىشتا تۆۋەندىكى ئاساسىي شەرتلەر ھازىرلانغان بولۇشى شەرت: 

(1) تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە نىزامنامىسى بولۇش؛ 

(2) لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇش؛ 

(3) بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئوقۇتۇش ئورنى ۋە ئەسلىھە، ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلار بولۇش؛

(4) مەكتەپ ئېچىشقا زۆرۈر بولغان مەبلىغى ۋە مۇقىم خىراجەت مەنبەسى بولۇش. 

27-ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش، ئۆزگەرتىش ۋە توختىتىشتا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەكشۈرتۈش، تەستىقلىتىش، رويخەتكە ئالدۇرۇش ياكى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەش كېرەك. 

28-ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزىدۇ: 

(1) نىزامنامە بويىچە ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش؛ 

(2) تەربىيىلەش، ياكى باشقا تەربىيىلەنگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىش؛

(3) ئوقۇغۇچى ياكى باشقا تەربىيىلەنگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىش؛

(4) تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش، مۇكاپاتلاش ياكى چارە كۆرۈش؛ 

(5) تەربىيىلەنگۈچىلەرگە مۇناسىپ ئوقۇش گۇۋاھنامىسى بېرىش؛ 

(6) ئوقۇتقۇچى ياكى باشقا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش، مۇكاپاتلاش ياكى چارە كۆرۈش؛ 

(7) ئۆز ئورنىنىڭ ئەسلىھەلىرى، تەربىيىلەش خىراجىتىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش؛ 

(8) ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىگە قانۇنسىز ئارىلىشىشىنى رەت قىلىش؛ 

(9) قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلار. 

دۆلەت مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قوغدايدۇ.

29-ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك: 

(1) قانۇن، نىزاملارغا ئەمەل قىلىش؛ 

(2) دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش، تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ 

(3) تەربىيىلەنگۈچىلەر، ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش؛ 

(4) تەربىيلەنگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىرىنىڭ تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە باشقا ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەپ تۇرۇشىغا مۇۋاپىق يوللار بىلە قولايلىق يارىتىپ بېرىش؛ 

(5) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ھەق ئېلىش ۋە ھەق ئېلىنىدىغان تۈرلىرىنى ئاشكارىلاش؛ 

(6) نازارەتچىلىكنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىش. 

30-ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتىلىرىنى قۇرغۇچىلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، ئۆزى قۇرغان مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەلگىلەيدۇ. 

مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇدىرلىقى ياكى ئاساسلىق مەمۇرىي مەسئۇللۇقىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان، جۇڭگو تەۋەسىدە ئولتۇراقلاشقان ھەم دۆلەت بەلگىلىگەن ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىنى ھازىرلىغان پۇقرالار ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەيىنلىنىدۇ ۋە قالدۇرۇلىدۇ. مەكتەپنىڭ ئوقۇش ۋە باشقا مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولىدۇ. 

مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلىي شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇشقا ۋە نازارەتچىلىك قلىشقا قاتنىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. 

31-ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن قانۇنىي ئىگىلىك شەرتىنى ھازىرلىغانلىرى تەسىس قىلىش تەستىقلانغان ياكى رويخەتكە ئېلىنغان كۈندىن باشلاپ، قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. 

مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەق-تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ. 

مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى باشقۇرغان كەسىپلەر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئالدىغا ئۈستىگە ئالىدۇ. 

4-باب ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا مائارىپ خىزمەتچىلىرى 

32-ماددا ئوقۇتقۇچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ، خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولىدۇ. 

33-ماددا دۆلەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت شارائىتى ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۆستۈرىدۇ.

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى، پاراۋانلىق تەمىناتى قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بېرىلىدۇ،

34-ماددا دۆلەت ئوقۇتقۇچلىقتا سالاھىيەت، ۋەزىپە، تەكلىپ تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، تەكشۈرۈش، سىناش، مۇكاپاتلاش، تەربىيىلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ. 

35-ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملار مائارىپ خىزمەتچىلىرى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىكى ئوقۇتۇش ياردەمچىلىرى ۋە باشقا كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ئىچىدە كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىگە تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. 

5-باب تەربىيىلەنگۈچىلەر 

36-ماددا تەربىيىلەنگۈچىلەر مەكتەپكە كىرىش، يۇقىرى مەكتەپكە چىقىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە باراۋەر ھوقۇقتىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.

مەكتەپ ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە قىزلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش، يۇقىرى مەكتەپكە چىقىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىلمىي ئۇنۋان ئېلىش ۋە چەت ئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوغۇللار بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 

37-ماددا دۆلەت، جەمئىيەت مەكتەپكە كىرىش شەرتىگە مۇۋاپىق، ئەمما ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغان بالىلار، ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلارغا تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ياردەم بېرىدۇ. 

38-ماددا دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى مېيىپلارنى جىسمانىي ۋە روھىي ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ تەربىيىلىشى ھەمدە ئۇلارغا ياردەم بېرىشى ۋە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

39-ماددا دۆلەت، جەمئىيەت، ئائىلە، مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ تەربىيە ئېلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. 

40-ماددا كەسپىي خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە كەسپىي جەھەتتە تەربىيىلىنىش ۋە ئۈزلۈكسىز تەربىيە ئېلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. 

دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانىلار، كەسپىي تەشكىلاتلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆز ئورنىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆگىنىشى ۋە تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن شارائىت ۋە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك. 

41-ماددا دۆلەت مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تەدبىر قوللىنىپ، پۇقرالارنىڭ ئۆمۈرلۈك تەربىيە ئېلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ. 

42-ماددا تەربىيىلەنگۈچىلەر تۆۋەندىكى ھوقۇقلارغا ئىگە: 

(1) تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش پىلانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرى ۋە كىتاب-ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىش؛ 

(2) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئۇقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش قەرز پۇلى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش؛ 

(3) ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە ئەخلاق جەھەتتە ئادىل باھاغا ئېرىشىش، بەلگىلەنگەن دەرسلەرنى ئوقۇپ تۈگىگەندىن كېيىن مۇناسىپ ئوقۇش گۇۋاھنامىسىگە ۋە ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىگە ئىگە بولۇش؛ 

(4) مەكتەپ بەرگەن جازاغا قايىل بولمىسا، ئالاقىدار تارماقلارغا ئەرز قىلىش، ئۆزىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا ئوخشاش قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى دەخلى-تەرۇز قىلغان بولسا، ئەرز قىلىش ياكى قانۇن بويىچە دەۋا قىلىش؛ 

(5) قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلار. 

43-ماددا تەربىيىلەنگۈچىلەر تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك: 

(1) قانۇن، نىزاملارغا ئەمەل قىلىش؛

(2) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرىكەت قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش، ئۇستازلار ۋە چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىش، ئۆزىدە ياخشى ئىدىيىۋى ئەخلاق-پەزىلەت ۋە ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش؛

(3) تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بەلگىلەنگەن ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش؛

(4) ئۆزى ئوقۇۋاتقان مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىگە ئەمەل قىلىش. 

44-ماددا مائارىپ، تەنتەربىيە، سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى تەنتەربىيە ساقلىقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغدىشى كېرەك. 

6-باب مائارىپ ۋە جەمئىيەت 

45-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ئارمىيە، كارخانىلار، كەسپىي تەشكىلاتلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى، شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر قانۇن بويىچە بالىلار، ئۆسمۈرلەر ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشى ئۈچۈن ئوبدان ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. 

46-ماددا دۆلەت كارخانىلار، كەسپىي تەشكىلاتلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر بىلەن ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات، تېخنىكا يارىتىش ۋە ئۇنى كېڭەيتىش جەھەتلەردە تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ھەمكارلىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

كارخانىلار، كەسپىي تەشكىلاتلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر مۇۋاپىق شەكىللەر ئارقىلىق مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا مەدەت بەرسە، مەكتەپ باشقۇرۇشقا قاتناشسا بولىدۇ.

47-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ئارمىيە، كارخانىلار، كەسپىي تەشكىلاتلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مەكتەپلەر ئۇيۇشتۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پراكتىكا، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىشى ۋە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

48-ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى نورمال تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك، شەرتى ئاستىدا، شۇ جاينىڭ جامائەت پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىشى كېرەك. 

49-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ياكى باشقا ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىلارنىڭ تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر شارائىت ھازىرىلاپ بېرىشى كېرەك. 

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇرامىغان يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى ياكى ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىلارنى تەربىيىلىشىگە ماسلىشىشى كېرەك. مەكتەپلەر، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا ئائىلە تەربىيىسى جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلسا بولىدۇ.

50-ماددا كۇتۇپخانا، مۇزېي، پەن-تېخنىكا سارىيى، مەدەنىيەت سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى، تەنتەربىيە سارىيى(مەيدانى) قاتارلىق جامائەت مەدەنىيەت، تەنتەربىيە مۇئەسسەسەلىرى، شۇنىڭدەك تارىخىي مەدەنىيەت ئاسارئەتىقە ئورۇنلىرى ۋە ئىنقىلابىي خاتىرە سارايلىرى(ئورۇنلىرى) ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبار بېرىشى، تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ تەربىيە ئېلىشى ئۈچۈن قۇلايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

رادىئو ئىستانسىسىلىرى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى(ئۇزېللىرى) مائارىپ پروگراممىلىرىنى تەسىس قىلىپ، تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ ئىدىيىۋى ئەخلاق-پەزىلەت، مەدەنىيەت ۋە پەن-تېخنىكا ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. 

51-ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مەكتەپ سىرتىدا تەربىيىلەش مۇئەسسەسەلىرىنى قۇرىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ. 

مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كارخانىلار، كەسپىي تەشكىلاتلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى بىلەن ماسلىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. 

52-ماددا دۆلەت جامائەت تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ، شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولغان ئىجتىمائىي تەربىيە، مەدەنىيەت تەربىيىسى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ. 

7-باب مائارىپ سېلىنمىسى ۋە شەرت-شارائىت كاپالىتى 

53-ماددا دۆلەت مالىيىدىن پۇل ئاجرىتىشنى ئاساس، مائارىپ خىراجىتىنى باشقا تۈرلۈك يوللار بىلەن غەملەشنى قوشۇمچە قىلىدىغان تۈزۈلمىنى بەرپا قىلىپ، مائارىپ سېلىنمىسىنى پەيدىنپەي كۆپەيتىپ، دۆلەت ئاچقان مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ خىراجىتىنىڭ مۇقىم مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

كارخانىلار، كەسپىي تەشكىلاتلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى، شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر قانۇن بويىچە قۇرغان مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشىغا كېتىدىغان خىراجىتىنى غەملەشكە شۇ مەكتەپنى قۇرغۇچى مەسئۇل بولىدۇ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مەدەت بەرسە بولىدۇ.

54-ماددا دۆلەت مالىيىسىدىن بېرىلىدىغان مائارىپ خىراقىتى چىقىمىنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا ۋە مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ پەيدىنپەي ئۆسۈپ بېرىشى كېرەك. كونكرېت نىسبىتىنى ۋە يولغا قويۇش قەدەم-باسقۇچىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

مائارىپ خىراجىتىنىڭ مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك مالىيە چىقىمىنىڭ ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ پەيدىنپەي ئۆسۈپ بېرىشى كېرەك.

55-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ خىراجىتى چىقىمى ئىش ھوقۇقى بىلەن مالىيە ھوقۇقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پرىنسىپى بويىچە مالىيە خام چوتىدا ئايرىم تۈر قىلىنىدۇ. 

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مالىيىدىن مائارىپقا ئاخرىتىدىغان پۇلنىڭ ئېشىپ بېرىش نىسبىتىنى دائىملىق مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىپ بېرىش نىسبىتىدىن ئۈستۈن قىلىشى ھەمدە مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن توغرا كېلىدىغان مائارىپ خىراجىتىنى پەيدىنپەي ئاشۇرۇپ بېرىشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئومۇمىي خىراجىتىنىڭ پەيدىنپەي ئېشىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

56-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەخسۇس مائارىپ مەبلىغى تەسىس قىلىپ، چەت، يىراق، نامرات رايونلارنىڭ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇشىغا نۇقتىلىق يار-يۆلەك بولۇشى كېرەك.

57-ماددا باج ئورگانلىرى مائارىپ قوشۇمچە خىراجىتىنى قانۇن بويىچە تولۇق يىغىدۇ، ئۇنى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ، ئاساسلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇشقا ئىشلىتىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، مائارىپ ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرلىك قوشۇمچە خىراجەتلەرنى ئېلىشنى بەلگىلەپ، ئۇنى ئۆز جايىغا ئىشلەتسە بولىدۇ. يېزىلاردا يېزا بىر تۇتاش غەملەيدىغان مائارىپ قوشۇمچە خىراجىتىنى يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى يىغىدۇ، ئۇنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ۋاكالىتەن باشقۇرىدۇ ياكى يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى باشقۇرىدۇ، شۇ يېزا ۋە كەنتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئىشىتىدۇ. يېزا مائارىپ قوشۇمچە خىراجىتىنىڭ يېزىنىڭ بىر تۇتاش غەملەيدىغان قىسمىدا ئىگىلەيدىغان كونكرېت نىسبىتى ۋە كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى ئۆلىكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەيدۇ. 

58-ماددا دۆلەت ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، نورمال تەربىيىلەش ۋە ئوقۇتۇشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا مەكتەپلەرنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇشىغا، مەكتەپ باشقۇرىدىغان كەسىپلەرنى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە يار-يۆلەك بولىدۇ.

59-ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن، ئىختىيار قىلىش، ھالىغا بېقىش پرىنسىپى ئاساسىدا، ئۆزىنىڭ مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدە مەكتەپ باشقۇرۇشقا مەبلەغ توپلاپ، ئۇنى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇۋاتقان مەكتەپلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ سېلىش ۋە مەكتەپ ئۆي-ئىمارەتلىرىنى رېمونت قىلىش، يېڭىدىن سېلىش ئىشلىرىغا ئىشلەتسە بولىدۇ. باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

60-ماددا دۆلەت چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل ئىئانە قىلىپ مائارىپقا ياردەم بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ. 

61-ماددا دۆلەت مالىيىسى خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر مائارىپقا ئىئانە قىلغان پۇلنى مائارىپقا ئىشلىتىش شەرت، ئۇنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا قىسىپ ئېپقېلىشقا بولمايدۇ.

62-ماددا دۆلەت پۇل مۇئامىلىسى، كرېدىت ۋاستىلىرى ئارقىلىق مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا ئىلھام بېرىدۇ. 

63-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ مائارىپ خىراجىتىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتشى، مائارىپ سېلىنمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. 

64-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلىرى مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشىنى شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك يەر ۋە ماددىي ئەشيالارنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى كېرەك. 

65-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇشقا كېرەكلىك كىتاب-ماتېرىياللارنى نەشر قىلىش، تارقىتىشتا، ئوقۇتۇش سايمانلىرى، ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەشتە، مەكتەپلەرنىڭ تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقاتىغا كېرەكلىك كىتاب-ماتېرىياللار، ئوقۇتۇش سايمانلىرى، ئۈسكۈنىلىرىنى ئىمپورت قىلىشتا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. 

66-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە مائارىپى ۋە باشقا زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشى، ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار ئۇنى ھەممىدىن ئاۋۋال ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولۇشى لازىم. 

دۆلەت مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ زامانىۋىلاشقان ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىنى قوللىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

8-باب مائارىپ ئىشلىرىدىكى تاشقى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق 

67-ماددا دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىدىكى تاشقى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.

مائارىپ ئىشلىرىدىكى تاشقى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقتا مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، باراۋەر بولۇش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگونىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىشقا، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ.

68-ماددا جۇڭگو تەۋەسىدىكى پۇقرالارنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش، تەتىقات ئېلىپ بېرىش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش ياكى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ئىشلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بولىدۇ. 

69-ماددا جۇڭگو تەۋەسىدە بولمىغان شەخسلەر دۆلەت بەلگىلىگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەن ھەمدە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرگەندىن كېيىن، جۇڭگو تەۋەسىدىكى مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىغا كىرىپ ئوقۇسا، تەتقىقات ئېلىپ بارسا، ئىلىم ئالماشتۇرسا ياكى ئوقۇتقۇچىلىق قىلسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. 

70-ماددا جۇڭگو ئۆز تەۋەسىدە بولمىغان مائارىپ ئاپپاراتلىرى بەرگەن ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ۋە باشقا گۇۋاھنامىلارنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەر بويىچە ياكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئېتراپ قىلىدۇ.

9-باب قانۇن جاۋابكارلىقى 

71-ماددا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، مائارىپ خىراجىتىنى خام چوت بويىچە ئاجراتمىغانلارغا شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇددەت بەلگىلەپ ئاجراتقۇزىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولسا، بىۋاستە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 

يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار دۆلەتنىڭ مالىيە تۈزۈمىگە، كەسپىي مالىيە تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مائارىپ خىراجىتىنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋالغان، قىسىپ ئېپقالغانلارنى شۇ خىراجەتنى مۆھلەت ئىچىدە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە بىۋاستە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

72-ماددا توپلىشىۋېلىپ مۇشتلاشقان، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقارغان، مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان ياكى مەكتەپنىڭ ئۆي-ئىمارىتى، مەيدانى ۋە باشقا مال-مۈلكىنى بۇزغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالايدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆي-ئىمارىتى، مەيدانى ۋە باشقا مال-مۈلكىنى ئىگىلىۋالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

73-ماددا مەكتەپ ئۆي-ئىمارىتى ياكى تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، تەدبىر قوللانماي، تالاپەت پەيدا قىلغان ياكى مال-مۈلۈكنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلاردىن بىۋاستە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملار ۋە بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

74-ماددا ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن ھەق ئالغانلارنى ھەقنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، بىۋاستە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 

75-ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ھالدا قۇرۇلغان مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى بىكار قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا تاپاۋەت تاپقانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. بىۋاستە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 

76-ماددا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغانلارنى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىنى قايتۇرۇۋېتىشكە، ئېلىنغان ھەقنى قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 

77-ماددا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە شەخسىي غەرەز بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلغانلارنى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە باشقۇرۇدىغان مەسئۇل خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ، 

جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

78-ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ تەربىيىلەنگۈچىلەردىن ھەق ئالغان بولسا، ئۇلارنى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئېلىنغان ھەقنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، بىۋاستە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 

79-ماددا دۆلەتلىك مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلىنغان بولسا، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئىمتىھاننى ئىناۋەتسىز، دەپ ئېلان قىلىدۇ، بىۋاستە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 

دۆلەتلىك مائارىپ ئىمتىھانى قانۇنسىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئىمتىھاننى ئىناۋەتسىز، دەپ ئېلان قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا تاپاۋەت تاپقانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، بىۋاستە باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ۋە بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 

80-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا ئوقۇش گۇۋاھنامىسى بېرىلگەن بولسا، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئۇنى ئىناۋەتسىز، دەپ ئېلان قىلىدۇ، قايتۇرۇۋېلىش ياكى مۇسادىرە قىلىشنى بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا تاپاۋەت تاپقانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلارنىڭ گۇۋاھنامە بېرىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. 

81-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىملەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ، مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، زىيان-زەخمەت پەيدا قىلغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

10-باب  قۇشۇمچە پرىنسىپ 

82-ماددا ھەربىي مەكتەپ مائارىپى توغرىسىدا مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى مۇشۇ قانۇندىكى پرىنسىپلارغا ئاساسەن بەلگىلىمە چىقىرىدۇ.

دىنىي مەكتەپ مائارىپى توغرىسىدا گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىدۇ.

83-ماددا چېگرا سىرتىدىكى تەشىلات ۋە شەخسىلەرنىڭ جۇڭگو تەۋەسىدە مەكتەپ ئېچىش ۋە ھەمكارلىشىپ مەكتەپ ئېچىش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

84-ماددا بۇ قانۇن 1995-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏