چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ھىندىستان دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسى، ھىندىستان پارتىيەسى، قىسقارتىلىپ ھىندىستان دۆلەت كونگرېسى پارتىيەسى ياكى مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيەسى، ھىندىستان ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان تارىخى ئەڭ ئۇزۇن سىياسىي تەشكىلات، شۇنداقلا ھىندىستان ئىككى چوڭ ئاساسلىق سىياسىي پارتىيەنىڭ بىرى ( يەنە بىرى بولسا ھىندىستان خەلق پارتىيىسى ).

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ھىندىستان دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسى

خەنزۇچە نامى :印度国民大会党

چەتئەلچە نامى :the Indian National Congress

دەسلەپكى ئەزاسى :30 مىليون

ئاكتىپ ئەزاسى :1 مىليون 500 مىڭ ئادەم

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش 

3پارچەھىندىستان دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسىھىندىستاندىكى سىياسىي پارتىيىلەر ئوندىن كەم ئەمەس، يەنى ھىندىستان دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسى، خەلق پارتىيىسى، ھىندىستان خەلق پارتىيىسى، ئېزىلگۈچى ئىشچى-دېھقانلار پارتىيىسى، ھىندىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسى قاتارلىق پارتىيىلەر بار. ئەڭ چوڭ پارتىيە ھىندىستان دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسى بولۇپ، ھىندىستان 1947-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى 40 نەچچە يىلدا، ئاساسەن مۇشۇ پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلدى.

ھىندىستان دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسى 1885-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان. ھۆرمەتكە سازاۋەر «ماخاتما» دەپ ئاتالغان گەندى ھايات ۋاقتىدا ئىزچىل بۇ پارتىيىنىڭ داھىيسى بولۇپ كەلدى. ئۇ دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن «ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى» نى قانات يايدۇردى. 1947-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ ئاتاقلىق سىياسىيونى نېھرو بۇ پارتىيىگە رەھبەرلىك قىلدى ھەمدە 1964-يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر ھىندىستاننىڭ زۇڭلىلىقىنى ئۆتىدى. كېيىن نېھرونىڭ قىزى ئىندېرا. گەندى دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ داھىيلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇزاق مۇددەت زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. 1984-يىلى 10-ئايدا، ئىندېرا. گەندې ئۆزىنىڭ شېك مىللىتىدىن بولغان مۇھاپىزەتچىسى تەرىپىدىن قەستكە ئۇچراپ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى راجىپ. گەندې بۇ پارتىيىنىڭ داھىيسى ھەمدە ھىندىستاننىڭ زۇڭلىسى بولدى (1989-يىلى ۋەزىپىسىدىن بوشاندى). 1991-يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇمۇ قەستكە ئۇچرىدى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏