چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش گېرمانىيە خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقى، قىسقارتىلىپ خرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقى، گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ پارتىيىلەردىن بىرى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئويغۇرچە نامى :گېرمانىيە خرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقى

خەنزۇچە نامى :德国基督教民主联盟

چەتئەلچە نامى :Christlich- Demokratische Union Deutschlands

باشقا نامى :گېرمانىيە خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقى

ئاددىي ئاتىلىشى :خرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقى

قۇرۇلغان ۋاقتى :1950-يىلى 10-ئاي

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش 

گېرمانىيىدىكى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە بىرلىككە كېلىشتىن ئىلگىرىكى فېدېراتىپ گېرمانىيىدىكى پارتىيىلەردۇر. ئاساسلىق پارتىيە-گۇرۇھلاردىن خرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقى، خرىستىئان جەمئىيىتى ئىتتىپاقى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ھەمدە 1980 -يىلى قۇرۇلغان يېشىل پارتىيە بار. ھازىر، خرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقى، خرىستىئان جەمئىيىتى ئىتتىپاقى ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى بىرلىكتە ئون نەچچە يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن.

خرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقى، خرىستىئان جەمئىيىتى ئىتتىپاقى گېرمانىيىدىكى ئاساسلىق پارتىيىلەردۇر. تەشكىلىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ ئىككىسى مۇستەقىل پارتىيىلەر بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي جەھەتتە ئۇلار زىچ ھەمكارلىشىدۇ، بىرلىككە كەلگەن سايلام رىقابىتى پروگراممىسى، بىردەك سايلام رىقابىتى پائالىيىتى بىرلىككە كەلگەن پارلامېنت پارتىيە تەشكىلاتى بار. مۇشۇ يىللاردا بىرلىكتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ بىر پارتىيىگە ئوخشاپ قالغانلىقتىن، كىشىلەر «ئىتتىپاق پارتىيىسى» دەپ ئاتايدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏