چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مەكىت ناھىيەلىك كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم ئەسلى ئاساسى مەكىت ناھىيە بازار جەمئىي يېزىلىق يېزا ئىگىلىك ئوتتۇرا مەكتىپى بولۇپ، 1958-يىلى قۇرۇلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :مەكىت ناھىيەلىك كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم

خەنزۇچە نامى :麦盖提县职业中专

مەكتەپ تۈرى :كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم

مەكتەپ ھەققىدە 

7پارچەمەكىت ناھىيەلىك كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوممەكىت ناھىيەلىك كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم  ئەسلى ئاساسى مەكىت ناھىيە بازار جەمئىي يېزىلىق يېزا ئىگىلىك ئوتتۇرا مەكتىپى بولۇپ، مەكتەپنىڭ ئىگىلەيدىغان يەر كۆلىمى 82584 كۋادرات مېتىر. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 3709 كۋادرات مېتىر. ئەمگەك پراكتىكا بازىسى ۋە يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئوقۇتۇش تەجرىبە پراكتىكا ئورنى قاتارلىقلار بار. ئوقۇتۇشتا ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلىدۇ. دېھقانچىلىق تېخنىكىسى، مالىيە بوغالتىرلىقى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسازلىقى، بوغالتىرلىقنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇش، يېزا ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش، كومپيۇتېر، بالىلارپېداگوگىكىسى قاتارلىق يەتتە خىل كەسىپ تەسىس قىلىنغان. 1999-يىلى مەكتەپتە 35 نەپەر كەسپىي ئوقۇتقۇچى، 12 ئوقۇتۇش سىنىپى، 670 نەپەر ئوقۇغۇچى بار ئىدى. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تەربىيىلەپ چىققان ھەرخىل كەسىپتىكى ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك خادىملار 2500 نەپەر.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏