چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئادەملىك ئۇچار كېمە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئولتۇرىدىغان ھىم بۆلمە ۋە مۇلازىمەت بۆلمىسى(بەزىلىرى ئەسلىھەلەر بۆلمىسى ياكى چېتىشىش بۆلمىسى دەپ ئاتىلىدۇ) دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئادەملىك ئۇچار كېمە

خەنزۇچە نامى :载人飞船

چەتئەلچە نامى :manned spacecraft

ئادەملىك ئۇچار كېمە ھەققىدە 

2پارچەئادەملىك ئۇچار كېمەئادەم چۈشمەيدىغان يەر شارى سۈنئىي ھەمراھىنى ئۆزگەرتىپ بىرنەچچە ئادەم چۈشكىلى بولىدىغان قىلىپ چوڭايتىپ، ئاندىن ھاياتلىقنى ساقلايدىغان سىستېما ۋە باشقا زۆرۈر ئەسلىھەرلەر سەپلەنسە، ئادەم چۈشىدىغان يەر شارى ئوربىتىسى ئۇچار كېمىسى بولىدۇ. ئەگەر ئۇچار كېمىنىڭ تېزلىكى ئىككىنچى ئالەم تېزلىكى kes/mk2.11 غا يەتكۈزۈلسە، ئۇ يەر شارى ئوربىتىسىدىن ئايرىلىپ ئايغا ئۇچۇپ، ئايغا قونىدىغان ئۇچار كېمە بولىدۇ.

ئادەملىك ئۇچار كېمە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئولتۇرىدىغان ھىم بۆلمە ۋە مۇلازىمەت بۆلمىسى(بەزىلىرى ئەسلىھەلەر بۆلمىسى ياكى چېتىشىش بۆلمىسى دەپ ئاتىلىدۇ) دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. 

مۇلازىمەت بۆلمىسى

مۇلازىمەت بۆلمىسى كۆپىنچە سىلىندىرسىمان بولىدۇ. ئىچىدە ئاساسىي ماتور بولۇپ، ئۇچار كېمىنىڭ ئوربىتىغا كىرىشى، ئوربىتىسىنى ئۆزگەرتىشى، ئۇچرىشىشى، چېتىشىشى، زاپاس ماتورنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇچۇشى ۋە يەر شارىغا قايتۇرۇپ كېلىنىشىدە ئىشلىتىلىدۇ. مۇلازىمەت بۆلمىسى خۇددى ئۇچار كېمىنىڭ ئامبىرىغا ئوخشاش بولۇپ، ھەر خىل زۆرۈر بۇيۇملار قويۇلىدۇ. بۇ بۆلمە قايتۇرۇپ كېلىنمەيدۇ، ئاتموسفېرا قەۋىتىگە قايتا كىرگەندە كۆيۈپ تۈگەيدۇ.

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئولتۇرىدىغان ھىم بۆلمە

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئولتۇرىدىغان بۆلمە قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ، شۇڭا ئۇ قايتۇرۇپ كېلىنىدىغان بۆلمە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ يۇمىلاق، كونۇسسىمان بولىدۇ، قوڭغۇراقسىمانلىرىمۇ بار. ئالەم بوشلۇقىنىڭ مۇھىتى تولا ناچار بولغانلىقتىن، قايتۇرۇپ كېلىنىدىغان بۆلمە ھىم بولۇپ، ئىچىدىكى ئادەملەر ئالەم بوشلۇقى مۇھىتىدىن تامامەن ئايرىۋېتىلىدۇ. بۆلمە ئىچىدە مۇكەممەل ھاياتلىققا كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسى بولۇپ، خادىملار بۆلمە ئىچىدە يەر شارى مۇھىتىغا يېقىنلىشىدىغان مۇھىتتا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ ۋە خىزمەت قىلىدۇ. قايتۇرۇپ كېلىنىدىغان بۆلمىگە يەنە ئىسسىقلىقتىن مۇداپىئەلىنىدىغان بىر يۈرۈش ئىشەنچلىك كۆرۈش تەدبىر قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇچار كېمىنى يەر يۈزىگە قايتاشىدا ئاتموسفېرا قەۋىتىدىن ئۆتكەندە، مېتېئورىتلارغا ئوخشاش ھاۋادا كۆيۈپ كېتىشتىن ساقلايدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏