چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش فىرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى 1635-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى، فىرانسىيە باش ۋەزىرى رىسېلىيۇ قۇرغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى

خەنزۇچە نامى :法国科学院

قۇرۇلغان ۋاقتى :1935-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى

قۇرغۇچى :فىرانسىيە باش ۋەزىرى رىسېلىيۇ

مەقسىتى :ئىلھام بېرىش ۋە قوغداش، تەتقىق قىلىش روھى

قىسقىچە تونۇشتۇرش

2پارچەفىرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىئۇ يەنە فرانسىيە ئىنستىتۇتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، پارىژنىڭ مەركىزىي رايونىدىكى سېنا دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان، لورد سارىيى بىلەن ئىككى قىرغاقتا بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرىدۇ. فرانسىيە ئىنستىتۇتنىڭ بەش كەسپىي ئىنىستىتۇتى ئىچىدە، پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى ئۆزگىرىش ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ.

1987-يىلدىكى يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە 80 ياشتىن تۆۋەن ئاكادېمىكتىن 110 نەپىرى بولسا بولىدۇ، ئاز دېگەندە 30 نەپەر ئاكادېمىكنىڭ يېشى 60 تىن تۆۋەن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا چەت ئەللىك ھەمكارلاشقۇچى ئاكادېمىك 120 نەپەر، 70 ياشتىن تۆۋەن مۇخبىر ئاكادېمىك 180 نەپەر بولىدۇ. ئاكادېمىيە بويىچە ئىككى ئىلىم يۇرتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ماتېماتىكا-فىزىكا ئىلمى ۋە ئۇنى ئەمەلىي قوللىنىش ئىلىم يۇرتى، خىمىيە-تەبىئەت-جانلىقلار-مېدىتسىنا ۋە ئۇنى ئەمەلىي قوللىنىش ئىلىم يۇرتىدىن ئىبارەت. بۇ ئاكادېمىيە پەخرىي خاراكتېرلىك ۋە مەسلىھەت بېرىش خاراكتېرلىك نوپۇزلۇق ئىلمىي ئاپپارات بولۇپ، قارىمىقىدا مۇقىم تەتقىقات ئاپپاراتى يوق، ئەزالىرى، بولۇپمۇ ئۆزىدىكى ھەر خىل مەخسۇس ھەيئەتلەر ئارقىلىق پەن-تېخنىكا ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ. پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى ئەمەلىي پەنلەر ھەيئىتى ۋە تەتقىقات دوكلاتى ھەيئىتىنىڭ خىزمىتى ئادەمنى بەكمۇ جەلپ قىلىدۇ، ئۇلار ئىلگىرى ياۋروپا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقى، فرانسىيە پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى، ئېكولوگىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا قىممەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى ياكى نوپۇزلۇق پايدىلىنىش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏