چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئەسلى نامى سانجى يېزا ئىگىلىك مەكتىپى بولۇپ، 1959-يىلى 9-ئايدا سانجى شەھىرىدە قۇرۇلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى

بۇرۇنقى نامى :سانجى يېزا ئىگىلىك مەكتىپى

خەنزۇچە نامى :新疆农业职业技术学院

قۇرۇلغان ۋاقتى :2000-يىلى

مەسئۇل تارماق :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى

مەكتەپ تۈرى :ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپ

ئادرېسى :شىنجاڭ سانجى شەھىرى شەرقىي مەدەنىيەت يولى 29 - نومۇر

فاكۇلتېتلىرى :ھايۋانات پەن - تېخنىكا ئىنىستىتۇتى، بىئو پەن - تېخنىكا ئىنىستىتۇتى، باغ - ئورمان پەن – تېخنىكا ئىنستىتۇتى

مەكتەپ مۇدىرى :ۋاڭ يى

مەكتەپ تىپى :يېزا ئىگىلىك

خۇسۇسىيتى :ئۆلكىگە قاراشلىق ئالىي تېخنىكوم

تەۋە رايۇن :جۇڭگو شىنجاڭ

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش 

3پارچەشىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىئەسلى نامى سانجى يېزا ئىگىلىك مەكتىپى بولۇپ، 1959-يىلى 9-ئايدا سانجى شەھىرىدە قۇرۇلغان.

1967-يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختاتقان. 1971-يىلى سانجى ئوبلاست تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر «7-ماي» كادىرلار مەكتىپىگە چۈشۈرۈلگەن. 1973-يىلى مەكتەپ قايتا قۇرۇلغان. 1976-يىلى بۇ مەكتەپتە كوممۇنىستىك ئەمگەك ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇپ، بىر مەكتەپ، ئىككى ۋىۋىسكىنى يولغا قويغان. 1978-يىلى كوممۇنىستىك ئۇنىۋېرسىتېت دېگەن نام ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1980-يىلى مەملىكەتلىك نۇقتىلىق مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. 1981-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك نازارىتىنىڭ رەھبەرلىكىگە تاپشۇرۇلغان. 1988-يىلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1993-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. 1990-يىلى يەنە بىر قېتىم مەملكەتلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم قىلىپ بېكىتىلگەن. مەكتەپ يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك چارۋىچىلىق كەسپىدىكى 10 يىل مول-ھوسۇل ئالغان ئىلغار كوللېكتىپ، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مەملىكەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك مائارىپ ئىسلاھاتىدىكى ئىلغار ئورۇن، مەملىكەتلىك مائارىپ كومىتېتى قاتارلىق بەش مىنىستىرلىك تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە كەسپىي تېخنىكا مائارىپىدىكى ئىلغار ئورۇن، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن» ، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ» دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن. يەر كۆلىمى 376588 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 62332 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىلمى، مال دوختۇرلۇق، سۇچىلىق، باغۋەنچىلىك، ئۆسۈملۈك ئاسراش، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش، يەر باشقۇرۇش، ئۇرۇقچىلىق، باقمىچىلىق، بوغالتىرلىقنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇش، ئىگىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق 12 كەسىپ تەسىس قىلىنغان. ئىككى سىرتتىن ئوقۇش پونكىتى، بىر مەخسۇس كۇرس، تولۇق كۇرس ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش نۇقتىسى، بىر كېۋەز ئۆستۈرۈش مەركىزى، ھەرخىل تەجرىبىخانا، ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش، تىل ئۆيى، كومپيۇتېرخانا، ئېلېكترلەشكەن قىرائەتخانا قاتارلىق 43 ئورۇن بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەكتەپ ئىچى-سىرتىدىكى پراكتىكا بازىسى ۋە يېپىق يوللۇق تېلېۋىزور سىستېمىسى، مەكتەپ تورى قۇرۇلغان. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 191800 پارچىدىن ئارتۇق. مەكتەپ شتاى 222، 1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 84 نەپەر، قوشۇمچە ئوقۇتقۇچى 21 نەپەر (ئالىي لىكتور 25 نەپەر، لىكتور 48 نەپەر) نەپەر مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 2004 نەپەر.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏