چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق مەكتىپى، يەنى شىنجاڭ ئورمانچىلىق مەكتىپى، شىنجاڭنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىدە جايلاشقان. تەۋەلىك جەھەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىگە تەۋە، 1955 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان، بىر بولغاچقا ، ئورمانچىلىق كەسپىي ماھارەت تىپىدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئاساسىي مەقسەت قىلغان، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق مەكتىپى

خەنزۇچە نامى :新疆维吾尔自治区林业学校

قىسقاتىلغان نامى :شىنجاڭ ئورمانچىلىق مەكتىپى

قۇرۇلغان ۋاقتى :1955-يىلى

تەۋە رايون :شىنجاڭ ئۈرۈمچى

مەكتەپ ھەققىدە 

1955-يىلى ئۈرۈمچى شەھەر ليۇداۋانغا قۇرۇلغان. 1957-يىلى ئەسلىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مەكتىپى. سۇچىلىق مەكتىپى، چارۋىچىلىق مەكتىپى، ھاۋارايى مەكتىپى قاتارلىق بەش مەكتەپ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مەكتىپى دەپ ئاتالغان. بىرلەشكەندىن كېيىنكى خىزمەتلەر ياخشى ھەمكارلىشالماسلىق سەۋەبىدىن 1960-يىلى شىنجاڭ ئورمانچىلىق مەكتىپى چاپچال ناھىيىسىدە قايتا مەكتەپ قۇرغان. 1963-يىلى ئۈچ يىللىق تەبىئىي ئاپەت تۈپەيلىدىن مەكتەپ تاقىۋېتىلگەن. 1965-يىلى مەكتەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەمدە چاپچال ناھىيىسىدىن ماناس ناھىيىسىنىڭ پىڭيۈەن ئورمانچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلگەن. 1970-يىلى يازدا ماناس ناھىيىلىك شىيۈەن ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى ئورمانچىلىق فاكولتېتىغا قوشۇۋېتىلگەن. 1978-يىلنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ ئورمانچىلىق مەكتىپى مۇستەقىل مەكتەپ باشقۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1986-يىلى 7-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەكتەپ ماناس ناھىيىسىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە كۆچۈرۈلگەن ھەم شىنجاڭ ئورمانچىلىق كادىرلار مەكتىپى بىلەن بىرلىشىپ مەكتەپ قۇرغان. 1988-يىلى شىنجاڭ ئورمانچىلىق مەكتىپى غەربى خېنەن يولى 16-نومۇرغا كۆچۈرۈلۈپ، شىنجاڭ ئورمانچىلىق كادىرلار مەكتىپى، شىنجاڭ ئورمانچىلىق تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى بىلەن بىرلىكتە «ئۈچ مەكتەپ بىرلەشكەن» مەكتەپ بولۇپ قۇرۇلغان، يەنى بىر رەھبەرلىك كوللىكتىپى، ئۈچ ۋىۋىسكا شەكىللەنگەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىگە قارايدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 76872 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 23000 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش خەنزۇ، ئۇيغۇر تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەكتەپ شتاتى 222 نەپەر. 1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 97 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 1344 نەپەر.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏