چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر ۋىلادىمىروۋىچ پۇتىن (روسىيىنىڭ ئىككىنجى،تۆتىنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى) 1952- يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى لېنىنگراد شەھىرى، ھازىرقى سانكىت پېتېربۇرگ شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ، سىياسىيون.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئىسمى :ۋىلادىمىر ۋىلادىمىروۋىچ پۇتىن

خەنزۇچە ئىسمى :弗拉基米尔·弗拉基米罗维奇·普京

روسچە ئىسمى :Владимир Владимирович Путин

تۇغۇلغان ۋاقتى :1952-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى

تۇغۇلغان يۇرتى :روس فىدىراتسىيەسىنىڭ لېنىنگراد شەھىرى

دۆلەت تەۋەلىكى :روسىيە فىدىراتسىيەسى

مىللىتى :روس مىللىتى

كەسپى :سىياسىيون، زۇڭتۇڭ

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :لېنىنگراد ئۇنىۋېرسىتېتى

شەخسلەر ئانكىتى

ۋىلادىمىر ۋىلادىمىروۋىچ پۇتىن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر ۋىلادىمىروۋىچ پۇتىن (روسىيىنىڭ ئىككىنجى،تۆتىنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى) 1952- يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى لېنىنگراد شەھىرى، ھازىرقى سانكىت پېتېربۇرگ شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن، سىياسىيون. ئانىسى مارىيا ئىۋانوۋنا شىلوموۋا زاۋۇت ئىشچىسى، دادىسى ۋىلادىمىر سپىرىدونوۋىچ دېڭىز ئارمىيە فىلوتى خادىمى ئىدى. پۇتىن 1975-يىلى لېنىنگىراد ئۇنىۋېرستىتى (ھازىرقى يېڭى ئىسمى سانكىت پېتربورگ ئۇنىۋېرسىتىتى) خەلقئارا قانۇن كەسپىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئۇ يەنە ئىقتىساد كەسپىدە يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇغان. ئۇقۇشىنى پۈتتۈرۈپلا سوۋېت دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى–KGB دا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان پۇتىن، بىر مەزگىل گېرمانىيەدە ۋەزىپە ئۆتىدى. گېرمانىيە دىن قايتقاندىن كېيىن ئۇنىۋېرسىتېتتا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان .

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏