چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئوباما 1961-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي شىتاتىنىڭ مەركىزى ھونولۇلۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ 44-نۆۋەتلىك ئامرىكا زۇڭتۇڭى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئىسمى :باراك ئوباما

خەنزچە ئىسمى :贝拉克·奥巴马

چەتئەلچە ئىسمى :Barack Hussein Obama

تۇغۇلغان ۋاقتى :1961-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى

دۆلەت تەۋەلىكى :ئامرىكا

قان تىپى :AB

بوي ئىگىزلىكى :185 سانتىمىتىر

ئايالى :مېچىل ۋارىن ئوباما

كەسپى :سىياسىيون، ئادۋوكات، پرېزىدېنت

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :كولومبىيە ئۇنۋېرسىتېتى، خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتى

شەخسلەر ئانكىتى

باراك ئوباما

ئوباما 1961-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي شىتاتىنىڭ مەركىزى ھونولۇلۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئاتىسى كىنىيەلىك، ئانىسى كانزاس ئىشتاتىدىن. ئۇلار ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە تونۇشقان. دادىسى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى غا ئوقۇشقا كەتكەندىن كېيىن، ئوبامانى ئانىسى كىچىكىدىن باشلاپ باققان. ئوباما ئىككى ياش ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن. ئالتە ياش ۋاقتىدا ئوباما ئانىسىغا ئەگىشىپ ئۆگەي دادىسى بىلەن ھىندونېزىيە دە تۇرمۇش كەچۈرگەن.

تۆت يىلدىن كېيىن، ئوباما ھاۋايغا قايتىپ كەلگەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ كالىفورنىيە ئىشتاتى غەرب ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەن ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئىككى يىلدىن كېيىن كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئالمىشىپ كەتكەن. 1983-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپىي بويىچە باكالاۋۇرلىق ئۇنۋانى ئالغان. 1985-يىلى ئۇ چىكاكوغا كېلىپ مەھەللە خىزمىتى ئىشلىگەن. 1988-يىلى ئۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1991-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، چىكاكودىكى بىر ئادۇكاتخانىدا خىزمەت قىلغان، كېيىن چىكاكو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏