چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كىشىلەر ئادەتتە فرانسىيىلىك ئاكا-ئۇكا مونگېفېرلار ئىسسىق ھاۋا شارىنى 1783-يىل11-ئايدا بىرىنچى بولۇپ كەشىپ قىلغان ۋە بىرىنچى بولۇپ ئادەم ئېلىپ ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىسسىق ھاۋا شارىنى ئەڭ بۇرۇن تەتقىق قىلغىنى − جۇڭگو.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئىسسىق ھاۋا شارى

خەنزۇچە نامى :热气球

ئىسسىق ھاۋا شارىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى 

6پارچەئىسسىق ھاۋا شارىكىشىلەر ئادەتتە فرانسىيىلىك ئاكا-ئۇكا مونگېفېرلار ئىسسىق ھاۋا شارىنى 1783-يىل11-ئايدا بىرىنچى بولۇپ كەشىپ قىلغان ۋە بىرىنچى بولۇپ ئادەم ئېلىپ ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىسسىق ھاۋا شارىنى ئەڭ بۇرۇن تەتقىق قىلغىنى − جۇڭگو. 2000 يىل بۇرۇن، ئېلىمىزنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى «خۇەينەنزى» دېگەن كىتابتا ئىسسىق ھاۋانىڭ لەيلىتىش رولى بارلىقى خاتىرىلەنگەن. ئېلىمىزنىڭ بەش دەۋر مەزگىلىدىكى شېن چىنياڭ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغاندا، بامبۇك يېرىندىسىغا قەغەز قاپلاپ ياسالغان پانۇسنىڭ ئاستىدىن دېۋىرقاي بىلەن ئوت يېقىپ، پانۇسنى ئىسسىق ھاۋانىڭ ياردىمى بىلەن ھاۋاغا كۆتۈرۈپ، ھەربىي سىگنال قىلغان. بۇ، ياۋروپالىقلاردىن 700 ~800 يىل بۇرۇنقى ئىش. كېيىن ئېلىمىز خەلقى ئارىسىدا تارالغان «جۇگې لياڭ پانۇسى» مۇ مۇشۇنداق ئىسسىق ھاۋا شارىدىن ئىبارەت. 

بىراق، ئاكا-ئۇكا مونگېفېرلار كەشىپ قىلغان ئىسسىق ھاۋا شارى ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندىكىسىدىن ئىلغارراق ۋە ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتى بار. ئۇلار ئىسسىق ھاۋانىڭ ئادەتتىكى ھاۋادىن يېنىك بولىدىغانلىقىنى ۋە ئىسسىق ھاۋا ئۆزلۈكىدىن يۇقىرى ئۆرلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. ھاۋانىڭ بۇ خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلار ئىسسىق ھاۋانى چىڭ ھىملاپ، بىر قىسىم ھاۋانى شارنىڭ ئاستىدىكى ئېغىزىدىن سىرتقا چىقىرىۋەتكەن، شار ئىچىدىكى ئىسسىق ھاۋا بىلەن ئۈسكۈنە ۋە ئادەمنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى شار سىقىپ چىقارغان ھاۋانىڭ ئېغىرلىقىدىن يېنىك بولغاندا، ئىسسىق ھاۋا شارى ھاۋانىڭ لەيلىتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە يۇقىرى ئۆرلىگەن. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏