چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۈگۈنكى زامان نەزەرىيىۋى فىزىكا ئالىمى ستىفېن ۋىليام خاۋكىڭ( Stephen William Hawking) ئەنگلىيىنىڭ ئوكسفورد شەھىرىدە، 1942- يىلى 8- يانۋاردا(گالىلېينىڭ ئۆلۈمىدىن 300 يىل كېيىن) تۇغۇلغان. خاۋكىڭنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيى ئەسلىدە شىمالى لوندوندا بولۇپ، 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوكسفورد بالىلار ئۈچۈن بىخەتەر جاي دەپ قارىلىپ، ئۇ 8 ياشقا كىرگەندە شۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەن. 11 ياشتا ئالبان مەكتىپىگە ئۇقۇشقا كىرگەن. ئاندىن كېيىن دادىسى بۇرۇن ئۇقۇغان مەكتىپى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى غا ئوقۇشقا كىرگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ستىفېن ۋىليام خاۋكىڭ

خەنزۇچە ئىسمى :斯蒂芬·威廉·霍金

دۆلەت تەۋەلىكى :ئەنگلىيە

مىللىتى :ئېنگىلىز

يۇرتى :ئوكسفورد شەھىرى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1942- يىلى 8- يانۋار

كەسپى :فىزىكا

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى

ئېنگىلزچە ئىسمى :Stephen William Hawking

قىسقىچە ھاياتى

خاۋكىڭ ۋە ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئايالى (ئۇ چاقلىق ئورۇندۇققا چۈشۈپبۈگۈنكى زامان نەزەرىيىۋى فىزىكا ئالىمى ستىفېن ۋىليام خاۋكىڭ( Stephen William Hawking) ئەنگلىيە نىڭ ئوكسفورد شەھىرىدە، 1942- يىلى 8- يانۋاردا(گالىلېينىڭ ئۆلۈمىدىن 300 يىل كېيىن) تۇغۇلغان. خاۋكىڭنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ  ئۆيى ئەسلىدە شىمالى لوندون دا بولۇپ، 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوكسفورد بالىلار ئۈچۈن بىخەتەر جاي دەپ قارىلىپ، ئۇ 8 ياشقا كىرگەندە شۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەن.  11 ياشتا ئالبان مەكتىپىگە ئۇقۇشقا كىرگەن. ئاندىن كېيىن دادىسى بۇرۇن ئۇقۇغان مەكتىپى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى غا ئوقۇشقا كىرگەن. گەرچە خاۋكىڭنىڭ دادىسى ئۇنى دوختۇر بولۇشقا زورلىسىمۇ، خاۋكىڭ ماتېماتىكا ئۆگەنمەكچى بولىدۇ، بىراق ئۇ مەكتەپتە ماتېماتىكا كەسپى بولمىغاچقا ئىلاج يوق فىزىكا تاللايدۇ. 3 يىلدىن كېيىن ھېچقانچە كۈچىمەيلا تەبئىي پەن ساھەسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك پەخرى ئۇنۋانغا ئېرىشىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏