چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش فوتون كېمە فوتون راكېتا ماتورنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدۇ. فوتون راكېتا ماتور قول چىرىغىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ كۇنۇپكىسىنى قول بىلەن باسسا، بىردەستە يورۇقلۇق ئېتىلىپ چىقىدۇ، بۇ يورۇقلۇقمۇ گاز راكېتانىڭ پۈركۈش ئېغىزىدىن پۈركىلىپ چىققاندىكىگە ئوخشاش ئەكس تەسىر كۈچ پەيدا قىلىدۇ، ئەگەر يورۇقلۇق ئىنتايىن كۈچلۈك بولسا، بۇ كۈچمۇ ناھايىتى زور بولىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :فوتون ئالەم كېمىسى

خەنزۇچە نامى :光子飞船

فوتون ئالەم كېمىسى ياسىلىشى 

فوتون ئالەم كېمىسىئالەم كېمىسى ئۈچىنچى ئالەم تېزلىكىگە، يەنى سېكۇنتلۇق تېزلىكى 7.16 كىلومېتىرغا يەتكەندە، قۇياش سىستېمىسىدىن ئايرىلىپ، باشقا يۇلتۇزلارغا بارالايدۇ، ئەمما، بىزگە ئەڭ يېقىن سېنتاۋر يۇلتۇزلار تۈركۈمىدىكى قوشنا يۇلتۇزمۇ قۇياشتىن 3.4 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا بولۇپ، بۇ 40 تىرىليون كىلومېتىرغا توغرا كېلىدۇ. ناۋادا ئالەم كېمىسى سېكۇنتىغا 20 كىلومېتىر تېزلىكتە ئۇچسا، 63 مىڭ 400 يىلدا يېتىپ بارالايدۇ. شۇڭا، ئالىملار ئىلمىي نەزەرىيىلەرگە ئاساسەن يېڭى بىر خىل توشۇغۇچى قورال، يەنى فوتون كېمىسى ياساشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

فوتون كېمە فوتون راكېتا ماتورنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدۇ. فوتون راكېتا ماتور قول چىرىغىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ كۇنۇپكىسىنى قول بىلەن باسسا، بىردەستە يورۇقلۇق ئېتىلىپ چىقىدۇ، بۇ يورۇقلۇقمۇ گاز راكېتانىڭ پۈركۈش ئېغىزىدىن پۈركىلىپ چىققاندىكىگە ئوخشاش ئەكس تەسىر كۈچ پەيدا قىلىدۇ، ئەگەر يورۇقلۇق ئىنتايىن كۈچلۈك بولسا، بۇ كۈچمۇ ناھايىتى زور بولىدۇ.

ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، ئاتوم ئىچىدە مۇسبەت زەرەتلىك پروتون، مەنپىي زەرەتلىك ئېلېكترون ۋە زەرەتسىز نېيترون بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالەمدە يەنە مەنپىي زەرەتلىك پروتون بار بولۇپ، ئانتى پروتون دېيىلىدۇ؛ مۇسبەت زەرەتلىك ئېلېكترون بار بولۇپ، پوزىترون(مۇسبەت ئېلېكترون) دېيىلىدۇ؛ يەنە باشتا ئېيتىلغان نېيتروننىڭ ئەكسىچە خۇسۇسىيىتىگە ئىگە نېيترون بار، ئۇ ئانتى نېيترون دېيىلىدۇ، بۇ ئانتى پروتون، پوزىترون ۋە ئانتى نېيترونلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئانتى ماددا دېيىلىدۇ، ئانتى ماددىلار نورمال ماددىلار بىلەن ئۇچراشقان ھامان، ئىككى خىل ماددا تامامەن يورۇقلۇققا ئايلىنىپ، غايەت زور ئېنېرگىيە چىقىرىدۇ، مۇنداق ئەھۋالدا 1 گرام ماددا چىقارغان ئېنېرگىيە دۇنيادىكى ئەڭ زور سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ 12 سائەت تارقاتقان ئېنېرگىيىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. فوتون راكېتا ماتوردا مۇشۇ ئىككى خىل ماددا بار، شۇڭلاشقا، ئۇ راكېتانىڭ تېزلىكىنى يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏