چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش توشۇغۇچى راكېتادا ئىتتىرگۈچ(پروپېللانت) ، ماتور، ئوكسىدلىغۇچى رېئاگېنتنى ساقلاش ساندۇقى ۋە تىرەكلەردىن باشقا، راكېتانىڭ ئۇچۇشىنى تىزگىنلەيدىغان يول باشلاش ۋە كونترول سىستېمىسى، توك مەنبەسى، يىراقتىن تىزگىنلەش ۋە ئۆلچەش قۇرۇلمىلىرى بولىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :توشۇغۇچى راكېتا

خەنزۇچە نامى :运载火箭

چەتئەلچە نامى :The launch vehicle

توشۇغۇچى راكېتا ھەققىدە 

4پارچەتوشۇغۇچى راكېتائىنسانلارنىڭ يەر شارىدىن ئۇچۇپ چىققان تۇنجى قاتناش قورالى توشۇغۇچى راكېتادۇر.

بىرەر جىسىمنى يەر شارى ئاتموسفېراسىنىڭ سىرتىغا چىقىرىش ئۈچۈن، بۇ جىسىمنىڭ تېزلىكى كەم دېگەندە سېكۇنتىغا 9.7 كىلومېتىر بولۇشى كېرەك. ئاپتوموبىل، پويىزلارنىڭ مۇنچە چوڭ قۇۋۋىتى يوق؛ ئايروپىلان ماتورىنىڭمۇ كۈچى يەتمەيدۇ، چۈنكى ئاتموسفېرا قەۋىتىنىڭ سىرتى ۋاكۇئۇم(ھەقىقىي) بوشلۇق بولۇپ، ئوكسىگېن بولمىغاچقا، بېنزىن كۆيمەيدۇ، شۇڭا ئىتتىرىش كۈچىمۇ بولمايدۇ. توشۇغۇچى راكېتا يېقىلغۇ ۋە ئوكسىدلىغۇچى رېئاگېنتلارنى ئۆزى ئېلىۋالىدۇ، بۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئىتتىرگۈچ(پروپېللانت) دېيىلىدۇ. يېقىلغۇلاردىن كىرسىن، ئىسپىرت، ھىدرازىن(كاربون-ھىدروگېن بىرىكمىسى) ۋە سۇيۇق ھىدروگېن قاتارلىقلار بار، بۇلار ئايروپىلاندىكى بېنزىنگە توغرا كېلىدۇ؛ ئوكسىدلىغۇچى رېئاگېنت ھاۋادىكى ئوكسىگېنگە توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ رولى كۆيۈشكە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت، ئادەتتە سۇيۇق ئوكسىگېن ۋە ئازوت (Ⅳ) ئوكسىد ئىشلىتىلىدۇ. راكېتا يېقىلغۇسىنى ئۆزى ئېلىۋالىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئالەم بوشلۇقىدىمۇ خىزمەت قىلىۋېرىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏