چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئەسلى ئاساسى شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك سەككىزىنچى دىۋىزىيە تېببىي مەكتەپ بولۇپ، 1958-يىلى 9-ئاينىڭ 23--كۈنى شياۋلىجۇاڭدىكى يېزا ئىگىلىك سەككىزىنچى دوختۇرخانىسىدا قۇرۇلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شىخەنزە شەھەرلىك تېببىي مەكتەپ

خەنزۇچە نامى :石河子卫生学校

قۇرۇلغان ۋاقتى :1958-يىلى

مەكتەپ تۈرى :سەھىيە مەكتىپى

تارىخى تەرەققىياتى 

4پارچەشىخەنزە شەھەرلىك تېببىي مەكتەپئەسلى ئاساسى شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك سەككىزىنچى دىۋىزىيە تېببىي مەكتەپ بولۇپ، 1958-يىلى 9-ئاينىڭ 23--كۈنى شياۋلىجۇاڭدىكى يېزا ئىگىلىك سەككىزىنچى دوختۇرخانىسىدا قۇرۇلغان. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش، تۇرمۇش ئىشلىرىنى دېگۈدەك دوختۇرخانا ۋاكالىتەن باشقۇرغان. قۇرۇلغاندا قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچى سانى 88 نەپەر بولۇپ، دوختۇرلۇق ۋە سىستېرالىقتىن ئىبارەت ئىككى كەسىپ تەسىس قىلغان. 1960-يىلى مەكتەپ دىۋىزىيە دوختۇرخانىسى بىلەن بىللە مۇساۋەن باشقۇرۇش ئورنىغا كۆچكەن. شۇ يىلى قوبۇل قىلغان دوختۇرلۇق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى 40 نەپەر، سىستېرالىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى 50 نەپەر بولۇپ، ئوقۇش تۈزۈمى ئىككى يىللىق ئىدى. 1961-يىلى دوختۇرخانىغا ئەگىشىپ، شىخەنزە 13-رايونغا كۆچۈرۈلگەن. 8-ئايدا شاڭخەيلىك چېگرا رايونغا ياردەم بەرگۈچى ياشلاردىن 98 نى قوبۇل قىلىپ، دوختۇرلۇق، سىستېرالىق كەسپىي تەسىس قىلغان، ئوقۇش تۈزۈمى ئۈچ يىل بولغان. 1968-يىلى 8-ئايدا مەكتەپ تاقىۋېتىلگەن. كۆپ قېتىم ئوقۇغۇچىلار يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرىغا ئەمگەككە چۈشۈرۈلگەن. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر يېزا ئىگىلىك سەككىزىنچى دىۋىزىيىسى دوختۇرخانىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە بولغان. 1975-يىلى 8-ئايدا مەكتەپ قايتىدىن قۇرۇلۇپ، شىخەنزە رايونلۇق سەھىيە مەكتىپى دېيىلىپ، رايونلۇق سەھىيە ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىكىگە تەۋە بولغان. رايونلۇق دوختۇرخانا كونكرېت باشقۇرغان، 1979-يىلى مەكتەپ ئورنى 13-رايون دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقىگە بېكىتىلگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىلمىي باشقارما، ئىشخانا، ئارقا سەپ گۇرۇپپىسى، مالىيە ئىشخانىسى قاتارلىق ئاپپاراتلار تەسىس قىلىنغان. 1985-يىلى مەكتەپ نامى شىخەنزە تېببىي مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلىپ، دوختۇرخانىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىل پولىك دەرىجىلىك ئورۇن بولۇپ، سىستېرالىق، دوختۇرلۇق، ئاممىۋى تېببىي كەسپىي قاتارلىقلارنى تەسىس قىلغان. 1987-يىلى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار ئورۇن دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 1993-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا تېخنىكوم تېببىي مەكتىپى مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيىسى ئۆلچىمىدىن ئۆتكەن. تەسىس قىلىنغان كەسىپلەردىن سىستېرالىق، دوختۇرلۇق، دورىگەرلىك، لابوراتورىيە قاتارلىقلار بار. 1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 46) ئالىي لىكتور 14 نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك لىكتور 40 نەپەر، ياردەمچى لېكتور ئالتە نەپەر) نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 1781 نەپەر. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 31005 كۋادرات مېتىر. قۇرۇلۇش كۆلىمى 12461 كۋادرات مېتىر، تەجرىبىخانىدىن 22 سى بار. ساقلىنىۋاتقان كىتاب 38000 پارچە. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 5479 نەپەر ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏