چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىدىكى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە. 1945-يىلى 12-ئايدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شاڭخەيدە قۇرۇلدى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :جۇڭگو دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى

خەنزۇچە نامى :中国民主促进会

چەتئەلچە نامى :China Association for Promoting

قۇرۇلغان ۋاقتى :1945-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى

قۇرۇلغان ئورنى :شاڭخەي

ئاساسلىق ئەزالار :مائارىپ ، مەدەنىيەت ، نەشرىيات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان زىيالىيلار

رەئىسى :يەن جۈنچى

مەركىزىي كومىتېت ئورگىنى :جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش 

3پارچەجۇڭگو دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىجۇڭگو دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى − مائارىپ، مەدەنىيەت، نەشرىيات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان زىيالىيلار ئاساس قىلىنغان، سىياسىي ئىتتىپاق خاراكتېرى بولغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان پارتىيە، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىدىكى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە. 1945-يىلى 12-ئايدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شاڭخەيدە قۇرۇلدى.

 ئۇنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىلىرى: ما شۇلۇن، ۋاڭ شاۋئاۋ، جۇ جيەنرېن، شۈ گۇاڭپىڭ قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شاڭخەيدىكى مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى تەرەققىيپەرۋەر زىيالىيلاردۇر. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىلا ئۇلار ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلۇش كۈرىشىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يەنە ئىچكى ئۇرۇشقا، ھاكىممۇتلەقلىققا، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى سېتىۋېتىشكە قارشى تۇرىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك دېموكراتىك ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى. كېيىن ئۇلار يەنە «دېموكراتىك روھنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگودا دېموكراتىك سىياسىيسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» مەقسەت قىلىنغان سىياسىي تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىقتى ھەمدە ئۇنىڭ نامىنى جۇڭگو دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى دەپ بېكىتتى.

دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇلار شاڭخەيدىكى 60 نەچچە ئاساسلىق ئاممىۋى تەشكىلات بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋە ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، شاڭخەي خەلق تەشكىلاتلىرى بىرلەشمىسىنى قۇردى. 1946-يىلى 6-ئايدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شاڭخەي خەلقىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش مەجلىسىنى تەشكىللىدى، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى رەھبەرلىرىدىن ما شۇلۇن بىلەن لېي جيېچيۇڭ نەنجىڭغا مۇراجىئەتنامە سۇنىدىغان تىنچلىق ۋەكىللەر ئۆمىكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بارغاندا، گومىنداڭ ئىشپىيونلىرى ئۇلارنى قورشاپ ئۇرۇپ ئېغىر يارىلاندۇردى. 1949-يىلى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ1-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ «ئورتاق پروگرامما» نى تۈزۈشكە ئارىلىشىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏