چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش 1949-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى جۇڭگودىكى ئالىي ئىلمىي ئاپپارات ۋە تەبىئىي پەنلەرنى ئۇنىۋېرسال تەتقىق قىلىدىغان «دۆلەت قوشۇنى».

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى

خەنزۇچە نامى :中国科学院

چەتئەلچە نامى :Chinese Academy of Sciences

قۇرۇلغان ۋاقتى :1949-يىلى 11-ئاي

مەسئۇل تارماق :جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى

ئورگاننىڭ ئادرېسى :بېيجىڭ شەھىرىنىڭ سەنلىخې يولى 52 - نومۇر

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش 

5پارچەجۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى1949-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى جۇڭگودىكى ئالىي ئىلمىي ئاپپارات ۋە تەبىئىي پەنلەرنى ئۇنىۋېرسال تەتقىق قىلىدىغان «دۆلەت قوشۇنى». ماتېماتىكا-فىزىكا ئىلىم يۇرتى، خىمىيە ئىلىم يۇرتى، بىئولوگىيە ئىلىم يۇرتى، گېئونومىيە ئىلىم يۇرتى ۋە تېخنىكا ئىلمى ئىلىم يۇرتىدىكى400 نەپەر ئەزادىن تەشكىللەنگەن ئىلىم يۇرتى يىغىنى ئىلىم رەھبەرلىكىنىڭ سىمۋولىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى123 پەن تەتقىقات ئاپپاراتىغا بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى تەبىئىي پەن يېڭى نەزەرىيىسى، يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى مېتودىنى تەتقىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئالاقىدار تارماقلارغا ھەمكارلىشىپ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئۇنىۋېرسال، ئاچقۇچلۇق چوڭ-چوڭ پەن-تېخنىكا مەسىلىلىرىنى باھالاش، پەن تەتقىقات ئەمەلىيىتى ۋە ئاسپىرانتلارنى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيىلىك پەن تەتقىقات قوشۇنىنى بەرپا قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقات ئاپپاراتلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى20 نەچچە ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونغا تارقالغان ھەم شاڭخەي، نەنجىڭ، خېفىي، شېنياڭ، چاڭچۈن، ۋۇخەن، گۇاڭجۇ، چېڭدۇ، كۇنمىڭ، لەنجۇ، شىئەن ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق10 نەچچە شەھەردە شۆبە تەسىس قىلغان بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارالغان123 پەن تەتقىقات ئاپپاراتىغا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئاكادېمىيە باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغانلاردىن گو مورو، فاڭ يى، لۇ جياشى، جۇ گۇاڭجاۋ، لۇ يۇڭشياڭلار بار.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ياش ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتى جۇڭگودىكى مەشھۇر ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدۇر.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏