چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كىشىلەر ئۆز ئېغىرلىقى 150 كىلوگرامدىن ئاشمايدىغان ئايروپىلانلارنى ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك ئايروپىلان دەپ ئاتىشىدۇ.مۇنداق ئايروپىلان دەسلەپ 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا بارلىققا كەلگەن. ئەينى چاغدا پلانېرغا پەقەت يەڭگىل ماتورلا ئورنىتىلغانىدى، كېيىنچە قۇۋۋىتى چوڭراق مەخسۇس ماتورغا تەرەققىي قىلدى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك ئايروپىلان

خەنزۇچە نامى :超轻型飞机

ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك ئايروپىلان ھەققىدە 

8پارچەئادەتتىن تاشقىرى يېنىك ئايروپىلانكىشىلەر ئۆز ئېغىرلىقى 150 كىلوگرامدىن ئاشمايدىغان ئايروپىلانلارنى ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك ئايروپىلان دەپ ئاتىشىدۇ.

مۇنداق ئايروپىلان دەسلەپ 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا بارلىققا كەلگەن. ئەينى چاغدا پلانېرغا پەقەت يەڭگىل ماتورلا ئورنىتىلغانىدى، كېيىنچە قۇۋۋىتى چوڭراق مەخسۇس ماتورغا تەرەققىي قىلدى. 

ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك ئايروپىلان گەۋدىسى ئوچۇق قۇرۇلما شەكلىدە ياكى توغرىلانما سۈگەن شەكلىدە بولىدۇ، قۇرۇلمىسىنىڭ ماتېرىيالىغا ئادەتتە ئاليۇمىن قېتىشما تۇرۇبا، قانىتىغا كۆپىنچە نىلون رەخت ئىشلىتىلىدۇ. ماي كلاپان قۇرۇلمىسى ۋە رول تۇتقۇچى، پولات ئارقانلار ئارقىلىق ماتور ۋە رولنى ئوڭايلا باشقۇرۇپ، ئايروپىلاننى ئۇچۇرۇپ قوندۇرغىلى بولىدۇ. 

ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك ئايروپىلان ماتورىنىڭ پىرقىرىغۇچنى ئايلاندۇرۇشى ئىككى خىل شەكىلدە بولىدۇ: بىر خىلىدا ماتور ئايروپىلان قانىتىنىڭ ئالدىغا، يەنە بىر خىلىدا كەينىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئىككىلىسىنىڭ رولى ئوخشاش. بۇ خىل ئايروپىلان1 ~2 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تۆۋەن پەۋقۇلئاددە بوشلۇقتا ئۇچالايدۇ. ئۇنىڭ شۇڭغۇش مۇقىملىقى ياخشى بولغانلىقتىن، ناھايىتى ئاستا ئۇچالايدۇ، ئادەتتە سائىتىگە50 كىلومېتىر ئۇچىدۇ. ئۇنىڭ يەنە پلانېر ئالاھىدىلىكىمۇ بولغانلىقتىن، ھاۋادا ماتوردىن كاشىلا كۆرۈلسە، ئايروپىلان يەرگە بىخەتەر شۇڭغۇپ كېلىپ قونالايدۇ. بۇ ئايروپىلان ئادەتتىكى يەرلەردىمۇ ئۇچۇپ قونىۋېرىدۇ. كەڭلىكى 20 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 100 مېتىرچە تۈز يەر ياكى ئوتلاق بولسىلا بولىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏