چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى − جۇڭگو پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى، مەملىكەت خاراكتېرلىك تەبىئىي پەن ئىلمىي جەمئىيىتى بىلەن يەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرىنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى

خەنزۇچە نامى :中国科学技术协会

قىسقاتىلغان نامى :中国科协、CAST

قۇرۇلغان ۋاقتى :1950-يىلى

چەتئەلچە نامى :CHINA ASSOCIATION FOR SCIENCE AND TECHNOLOGY

چۈشەندۈرۈلىشى 

4پارچەجۇڭگو پەنتېخنىكا جەمئىيىتىجۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى 1950-يىلى قۇرۇلغان جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەبىئىي پەن مەخسۇس ئىلمىي جەمئىيىتى بىرلەشمىسى ۋە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەمئىيىتى ئاساسىدا 1958-يىلى رەسمىي قۇرۇلغان. جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدە تەبىئىي پەن، سانائەت، يېزا ئىگىلىك، مېدىتسىنا ۋە گىرەلەشمە پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان150 كە يېقىن مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىلمىي جەمئىيەت، جەمئىيەت ياكى تەتقىقات جەمئىيىتى بار. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەر دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە پەن-تېخنىكا ئومۇملاشتۇرۇش تورىنى شەكىللەندۈرگەن. جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى، تۈرلۈك پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏