چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تۇرپان قۇملۇق ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى، تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 10 كىلومېتىر ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق ° 98 11 دە تۇرىدۇ، شىمالىي كەڭلىك 40 ° 51 ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 95-76 مېتىر، كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلباغنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق قۇرغاق چۆل كىلىماتىغا كىرىدۇ. باغچىسىنىڭ ئورنى كۆچمە قۇم يەرگە جايلاشقان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 40 گېكتار.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تۇرپان قۇملۇق ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى

خەنزۇچە نامى :吐鲁番沙漠植物园

جۇغراپىيىلىك ئورنى :تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 10 كىلومېتىر

يەر كۆلىمى :40 گېكتار

تەۋە دۆلەت :جۇڭگو

قاراشلىق رايون :شىنجاڭ تۇرپان

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش 

7پارچەتۇرپان قۇملۇق ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىتۇرپان قۇملۇق ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى قۇرغاق، قۇملۇق رايونىدىكى ھەر تۈرلۈك ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر بايلىقىنى يىغىشى ئاساسىي ئالاھىدىلىك، پەن- تەتقىقات، پەننىي ئومۇملاشتۇرۇشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلغان، قۇرغاق، قۇملۇق رايونلاردا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنى كىرگۈزۈپ يىتىشتۈرىدىغان، مەملىكىتىمىزدىكى قۇرغاق، قۇرغاق رايون نەسىل ماددا بايلىق ئۆسۈملۈكلىرىنى يۆتكەپ كىلىپ قوغداش ۋە قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتىكى تەتقىقات بازىلىرىنىڭ بىرى. مەخسۇس تۈر باغچىلىرىدىن : قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى كلاسفىكسىيە ئەۋرىشكىخانىسى، مىللىي دورۇلۇق ئۆسۈملۈكلىرى كۆچەتزارلىقى، يۇلغۇنلۇق باغچىسى قاتارلىقلار بار. ‹‹ 9-بەش يىللىق ›› پىلان مەزگىلىدە قۇرغاق، قۇملۇق رايونلاردا ئاز ئۇچرايدىغان، ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدىكى ئۆسۈملۈكلەر رايونى،قۇرغاق قۇملۇقلاردا ئۆسىدىغان ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر رايونى ۋە ئەتىۋارلىق مەنزىرە ئۆسۈملۈكلەر رايونى تەسىس قىلىنغان.  

قۇملۇق باغچىسىدا قۇمنى تۇراقلاشتۇرغۇچى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلار قوملۇق تەتقىقاتى بىلەن قۇمنى تىزگىنلەش ۋە ئۇنىڭ قوللىنىشىنى ئۆز-ئارا زىچ باغلاپ تۇرىدۇ. باغچىدا يەنە يېڭى مەنزىرلىك ساياھەت ئورنى يىراقتىن كۆرسىتىش ئورنى تەسسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ يەردىكى خېلى بۇرۇنلا چۆللۈك شامال يالانمىلىرىدىن شەكىللەنگەن كۆچمى قۇم بارخانلىرى ھازىر باراقسان ئۆسۈۋاتقان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن قاپلاندى. بۇ يەر تەبئىي مەنزىرە بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ساياھەت مەنزىلى، شۇنداقلا تۇرپاندىكى دېھقانلار ۋە پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىرلىكتە بەرپا قىلغان قۇملۇقتىكى يېشىل بوستانلىق بولۇپ قالدى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏