چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تۇرپان شەھىرىدىكى دۇنياغا داڭلىق ئۈزۈملۈك كوچىسىنىڭ ئەسلى نامى ‹‹ ياشلار يولى ›› بولۇپ، 1985-يىلى ياسالغان. 2000-يىلى 28 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، قايتا رېمونت قىلىپ ياسالغاندىن كېيىن ‹‹ ياشلار يولى پىيادىلەر كوچىسى ›› دەپ ئاتالغان. بۇ كوچىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1800 مېتىر بولۇپ، كونا شەھەر يولى، مەدەنىيەت يولى،بوستان يولى ۋە نۇرلۇق يولنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان شەھەر پىيادىلەر كوچىسى، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە بىردىنبىر شەھەر ئۈزۈم كوچىسىدۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئۈزۈملۈك كوچىسى

قۇرۇلغان ۋاقتى :1985-يىلى

تەۋە دۆلەت :جۇڭگو

قاراشلىق رايون :شىنجاڭ تۇرپان

ياسىلىش ئالاھىدىلىكى 

ئۈزۈم كوچىسى ھەيۋەتلىك ھەم كۆركەم ياسالغان. كەڭلىكى 20 مېتىردىن ئاشىدىغان مەركىزى غول كوچا ۋە ئۇنىڭ ئىككى يېقىدىكى پىيادىلەر كوچىسىغا تىكلەنگەن تۆمۈر جازىلار ئوزۇنغا سۇزۇلغان يېشىل پەردىنى تىرەپ، بىر چوڭ، ئىككى كىچىك ئۈزۈم كارىدورىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۈزۈملۈك كوچىسىدا ماڭسىڭىز، يېشىل يوپۇرماق ھەرخىل رەڭلىك ئۈزۈملەر بىلەن بېزەلگەن ئۈزۈم بارىڭى سىزگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ. رەڭلىك گىرانت تاش ياتقۇزۇلغان يول يۈزى، سۈت رەڭلىك باراڭ تۈۋرۈكلىرى قاتارلىقلارنىڭ لايىھىلىنىشى ئۆزگىچە بولۇپ، ھەم زامانىۋى تۈسكە، ھەم مىللى ئۇسلۇبقا ئىگە. شەھەرنى باغۋارانلاشتۇرۇشتىكى بۇ ئۆزگىچە خاراكتېرگە ئىگە قۇرلۇشنىڭ جۇڭگۇدىمۇ، ھەتتا دۇنيادىمۇ تەڭدىشى يوق بولۇپ، چېگرا شەھەردىكى يارقىن بىر مەنزىرە دېيىشكە بولىدۇ.  


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏