بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى() مەنە تۈرلىرى

چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى 1945-يىلى11-ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەنە بىر مەخسۇس ئاپپاراتى بولۇپ، ھازىر بۇ تەشكىلاتقا 161 دۆلەت ئەزا بولدى. باش شتابى پارىژدا.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى

خەنزۇچە نامى :联合国教科文组织

خەنزچە ئىسمى :United Nations Educational,Scientific and Cultural Organization

قۇرۇلغان ۋاقتى :1945-يىلى11-ئاي

باش شىتابى :فرانسىيە پارىژ فونتېنۋا مەيدانى

ئورگان تورى :http://www.unesco.org

تەشكىلات ھەققىدە

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەتكە ئائىت مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىدىغان خەلقئارا تەشكىلات. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئورگىنى ئەزا دۆلەتلەر قۇرۇلتىيى، ئىجرائىيە ئىدارىسى ۋە كاتىباتلار باشقارمىسىدىن ئىبارەت. قۇرۇلتاي بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇپ، ئادەتتە ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى رايون خاراكتېرلىك مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ياكى ئالاقىلىشىش ئىش باشقارمىلىرىنى تەسىس قىلغان. نۇرغۇن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارىژدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى بار. دۆلەت ئىچىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ مەملىكەتلىك كومىتېتىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ تەشكىلات بىلەن ئالاقە باغلايدىغان ئورگاندۇر.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏