چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتىنىڭ باش شتابى ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ كەسپىي دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، پەن-تېخنىكا، سىياسەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتى

خەنزۇچە نامى :联合国粮食及农业组织

ئىنگىلىسچە نامى :Food and agriculture organization of the united nations

باش شىتابى :ئامېرىكا ۋاشىنگتون

قۇرۇلغان ۋاقتى :1945-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى

مەقسىتى :دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش

مەبلەغ مەنبىەسى :ئەزا دۆلەتلەرئەزالىق بەدىلى تاپشۇرۇش ئارقىلىق كىلىدۇ

ئورگان تورى :http://www.fao.org

تەشكىلات ھەققىدە

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتىنىڭ باش شتابى ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ كەسپىي دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، پەن-تېخنىكا، سىياسەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يىغىپ، مۇناسىۋەتلىك يىغىنلارنى چاقىرىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە «ئېچىش-ياردەم بېرىش» پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.

بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى ئەزا دۆلەتلەر قۇرۇلتىيى بولۇپ، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم يىغىن ئۆتكۈزىدۇ. كېڭەش يىغىنى ھەر يىلى ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. كاتىباتلار باشقارمىسى ئۇنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى بولۇپ، ئۇنىڭدا باش خادىم تەسىس قىلىنغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏